باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(10)

(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2012 – يىل 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ماقۇللاندى)

2016.06.27 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9 – باب پارتگۇرۇپپىلار

  46 – ماددا مەركەز ۋە جايلاردىكى دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە باشقا پارتىيەسىز تەشكىلاتلارنىڭ رەھبىرىي ئورگانلىرىدا پارتگۇرۇپپا قۇرۇلسا بولىدۇ. پارتگۇرۇپپا رەھبەرلىك يادروسىغا خاس رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. پارتگۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسەن پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولۇش؛ ئۆز ئورنىنىڭ چوڭ – چوڭ مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە قارار چىقىرىش؛ كادىرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش؛ ئورگانلار ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش.

  47 – ماددا پارتگۇرۇپپا تەركىبىدىكىلەرنى شۇ پارتگۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان پارتىيە تەشكىلاتى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ. پارتگۇرۇپپىغا شۇجى قويۇلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇئاۋىن شۇجىلار قويۇلسىمۇ بولىدۇ.

  پارتگۇرۇپپىلار ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇشى شەرت.

  48 – ماددا قارىمىقىدىكى ئورۇندا مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى يولغا قويغان دۆلەت خىزمەت تارماقلىرى پارتكوم قۇرسا بولىدۇ، پارتكومنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسى، خىزمەت ھوقۇقى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنى مەركىزىي كومىتېت ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر