- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(12)
(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2012 – يىل 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ماقۇللاندى)
2016.06.27 14:44 مەنبە: خەلق تورى
11 – باب پارتىيە بەلگىسى، پارتىيە بايرىقى
51 – ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بەلگىسى ئورغاق ۋە بولقىدىن تەركىب تاپقان سىزما نۇسخا.
52 – ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى يۈزىگە پارتىيە بەلگىسىنىڭ ئالتۇن سېرىق سىزما نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن قىزىل بايراق.
53 – ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بەلگىسى ۋە پارتىيە بايرىقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىمۋولى ۋە نامايەندىسى. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى پارتىيە بەلگىسى ۋە پارتىيە بايرىقىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغدىشى لازىم. پارتىيە بەلگىسى ۋە پارتىيە بايرىقىنى بەلگىلىمە بويىچە ياساش ۋە ئىشلىتىش كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنلىقى، بېيجىڭ، 18 – نويابىر تېلېگراممىسى)
( مەركىزىي تەرجىمە ئىدارىسى تەمىنلىگەن)
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر