باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدا ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ ئادەم ئۆلدى

2016.06.27 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئىيۇن، ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتى خيوستون شەھىرى ئەتراپىدىكى فورت ۋورت شەھىرىدە ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، قاتىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئادەم ئۆلدى.

  ئامېرىكا تاراتقۇرلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتىلنىڭ ئىسمى كەرىستىك شىچ بولۇپ، ئۇ سېتىۋالغان تاپانچا بىلەن 25-ئىيۇن ئىككى قىزنى ئېتىپ، بىرسى نەق مەيداندا ئۆلگەن، يەنە بىرى دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. ساقچى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن يېتىپ كەلگەن، شىچ تاپانچىنى تاپشۇرمىغاچقا، ساقچىلار ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن .

  شۇ يەردىكى ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، قوراللىق ھۇجۇم قىلىش دېلوسى شىچ ئاچقان ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئىكەن. شۇ كۈنى شىچ ئۆيدىكىلەر بىلەن سوقۇشۇپ قېلىپ، كېيىن ئوق ئاۋازى چىققان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ساقچىلار كۆپ قېتىم دېلو تاپشۇرۇپ ئېلىپ، شىچنىڭ ئۆيىگە تەكشۈرگىلى بارغان ئىكەن. شىچنىڭ قوشنىسىنىڭ ئېيتىشىچە، شىچ يېقىندا يولدىشى بىلەن يارىشىپ قالغان، شۇ كۈنى جەنسىننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، ئىككى قىزنى جەنسىن ئېلىپ چىقىشى بىلەن، شىچ قوغلاپ ئوق چىقارغان ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر