باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىغا سوۋغا

ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى باش تېمىسىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2016.06.27 15:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى باش تېمىسىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى 26- ، 27- ئىيۇن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «قەلبداش بولۇپ، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئارزۇنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 95 يىلدىن بۇيانقى شانلىق نەتىجىلەرنى ئەسلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان ئەۋلادلارغا ئاتا قىلغان قىزىل روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قېرىنداشلارچە، ئىتتىپاق- دوستانە ئۆتۈپ، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن تەسىرلىك سەھىپىلەرنى ئاچقانلىقىنى گەۋدىلىك ئىپادىلەش مەقسەت قىلىنغان. پۈتۈن مەيدان كېچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى − «رەڭدار شىنجاڭ» بىلەن «شادىيانە يىللار»، «ئىتتىپاقلىق ناخشىسى» دىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە بۆلۈنىدۇ، شۇنىڭدەك خاتىمىسى − «ئارزۇنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ناخشا- ئۇسسۇل، ئېتۇت، راۋاب قوشىقى، خور، شېئىر دېكلاماتسىيەسى، سېرىك قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت شەكلىدىكى 12 نومۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇ قېتىمقى كېچىلىكتىكى تىل تۈرىدىكى نومۇرلار قالتىس بولۇپ، ئىككى ئېتۇت ۋە «چوڭقۇر مۇھەببەت» نامىدىكى شېئىر دېكلاماتسىيەسى ئورۇنلىنىدۇ. كېچىلىكنىڭ رېژىسسورى، شىنجاڭ دىراما ئۆمىكىنىڭ باشلىقى گې يى مۇنداق دېدى: تىل تۈرىدىكى نومۇرلار ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي تېمىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلىگىلى، كىشىلەرنى ئوڭاي تەسىرلەندۈرگىلى، مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ. كېچىلىكنىڭ بىرىنچى بۆلىكى «شادىيەنە يىللار» دا ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلدى؛ ئىككىنچى بۆلىكى «ئىتتىپاقلىق ناخشىسى»دا ئاساسلىقى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەرنى ئىپادىلەشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر