باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پىيۇڭياڭ شەھەر خەلقى كىم ئېرسېن مەيدانىدا ئامېرىكىغا قارىشى نامايىش ئۆتكۈزدى

2016.06.27 16:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈز مىڭدىن ئارتۇق پىيۇڭياڭ شەھەر خەلقى كىم ئېرسېن مەيدانىدا ئاممىۋىي يىغىلىش ۋە ئامېرىكىغا قارىشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىغا قارىشى ئۇرۇش كۈنىنى خاتىرىلىدى.


  چاۋشيەن پىيۇڭياڭ شەھەرلىك خەلق كومىتېتىنىڭ باشلىقى چې شىلىن يىغىلىشتا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن ئوتتۇرىغا قويغان كورېيە بىلەن ئامېرىكا ھەربىي مانېۋىرنى توختىتىش ۋە تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش قاتارلىق تەكلىپىگە پىسەنت قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى، كورېيەنىڭ چاۋشيەننىڭ سۆزلىشىش تىرىشچانلىقىنى رەت قىلغانلىقى، چاۋشيەنگە سىياسىي، ھەربىي ئىغىۋارىگەرچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.


  ئىشچىلار، دېھقانلار، ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم يىغىلىشتا سۆز قىلدى، ئاندىن كېيىن مەيداندا ھەيۋەتلىك ئامېرىكىغا قارىشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نەچچە ئون چاسا ئەترەت مەيداندىن ئۆتتى، نامايىشچىلەر قولىغا ئامېرىكا جاھانگىرلىكى تىنچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى، ئۇرۇش ئىغۋارگەرچىسى دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان ئىدى، ئۇلار يولداش كىم جۇڭئۇن باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قوغدايمىز، يولداش كىم ئېرسېن بىلەن كىم جۇڭئېلنىڭ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋەسىيىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئىزچىللاشتۇرىمىز، دېگەندەك شوئارلارنى يۇقىرى ئاۋازغا توۋلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر