باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 698 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2016.06.27 15:36         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئاخبارات ئىشخانىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2016-يىلى تۈەن-مەيدان مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە ئىش ئورنى(ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچى) پىلانىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىن ئاشكارا ھالدا 698 نەپەرنى ئوقۇتقۇچىنى تۈەن-مەيدانلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىپ، بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ بۇ قېتىمقى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى توردا تىزىملىتىش، سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈز تۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، تەڭشەش، ئېلان قىلىش، ئىش ئورنىغا چۈشۈشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش قاتارلىق باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. تىزىملىتىشنى خالايدىغانلار 2016-يىلى 25-ئىيۇن سائەت 10:00دىن 13-ئىيۇل سائەت 18:00گىچە(بىردەك بېيجىڭ ۋاقتى) توردا تىزىملاتسا بولىدىكەن. باشقا ئالاقىدار تەپسىلىي مەزمۇنلار شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى مائارىپ-ئۇچۇر تورىغا چىقىرىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر