باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىل 29 تۈرلۈك مىراس ئىلتىماسىنى ئېلان قىلدى

2016.06.27 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش ئىشتابى فىرانسىيەنىڭ پارىژدا تەسىس قىلىنغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى يېقىندا، بۇ يىل جەمى 29 تۈرلۈك مىراس ئىلتىماسىنى دۇنيا مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگونىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدىكى شىننوڭجا رايونى ۋە جۇڭگونىڭ گۇاڭشى ئۆلكىسىدىكى زوجىياڭ خۇشەن تىغىدىكى تاشقا سىزىلغان رەسىملەر مەنزىرىسى بار.


  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا قاراشلىق دۇنيا مىراس كومىتېتى 7-ئاينىڭ 10-كۈندىن 20-كۈنىگىچە، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا 40- نۆۋەتلىك يىغىن ئېچىپ، بۇ يىللىق 29 تۈردىكى مىراس جاينى تەكشۈرىدۈ.


  1972-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسىنى ئېلان قىلغان، ئەھدىنامىدە ئاساسلىقى، مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلارنىڭ ئورنى ۋە بۇ مىراسلارنى قوغداش تەدبىرلىرى بەلگىلەنگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر