باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر- يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2016.06.27 15:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر- يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 24- ئىيۇن يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر- يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۆھرەت زاكىر يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىغا، مۇقىملىققا، ئاممىنىڭ بەخت- سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش − ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار، تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نىشان، ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  2015- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 1- ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى ئاكتىپ كېڭەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى تېخنىكىسى، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستىلاش بېسىمى ئېشىۋاتقان ئەھۋالدا، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر قاتارلىق تۈرلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق يېتەكلەش، سىياسەت ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆپ تەرەپتىن ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇردى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار ۋە تارماقلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 1- ئورۇنغا قويۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەدبىردە يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپ سىياسىتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ماس ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئۈنۈمىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلىرىنى قەتئىي، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جانلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش؛ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار ۋە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش تۈرلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى يولغا قويۇش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ 1- ۋەزىپىسى قىلىپ، مەۋقەنى كەسىپلەر ئارقىلىق يېتەكلەش، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا، شىنجاڭ ئىچىدە ھەل قىلىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە قىسقا مۇددەت ئىشلەشكە ئىلھام بېرىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە زور كۈچ بىلەن يار- يۆلەك بولۇشقا قويۇپ، تۈرلۈك چارە- تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى ۋە نۇقتىلىق خىزمىتى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، نەق پەرق ئېتىش، ئۇچۇرنى ئۇدۇللاش، نىشانلىق تەربىيەلەش، ئەمگەك مۇلازىمىتىنى ئۇدۇللاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش؛ «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»نى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىسلاھاتنى پۇرسەت بىلىپ، «ئالاقە تورى+ ئىشقا ئورۇنلىشىش» مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ، قولايلىق ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى ئىمكانقەدەر تېز يولغا قويۇپ، كەسپىي تەربىيەلەشنى تۈرلەشتۈرۈش، ھەقىقىي ئىسمىدا بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانى، ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا «يېڭى ۋەزىيەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى (قاراپ چىقىشقا سۇنۇش لايىھەسى)» قاراپ چىقىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، يەرلىك باج ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ۋەكىللىرى نۇقتىلىق سۆز قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر