باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەرقايسى تۈركۈملىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى بېكىتىلدى

ئاپتونوم رايون بويىچە 600دىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار 100 دىن ئاشتى

2016.06.27 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ئىيۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەرقايسى تۈركۈملىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىنى ئېلان قىلدى.

  خەنزۇ تىل ئىجتىمائىي پەن بىرىنچى تۈركۈمىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى 487 نومۇر، خەنزۇ تىلى تەبىئىي پەن بىرىنچى تۈركۈمىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى 464 نومۇر، تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن مەخسۇس كۇرس نومۇر سىزىقى 200 نومۇر بولغان؛

  مىللىي تىل ئىجتىمائىي پەن بىرىنچى تۈركۈمىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى 442 نومۇر، ماتېماتىكا نومۇر سىزىقى 30 نومۇر، مىللىي تىل تەبىئىي پەن بىرىنچى تۈركۈمىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى 344 نومۇر، ماتېماتىكا نومۇر سىزىقى 35 نومۇر بولغان؛

  خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي پەن بىرىنچى تۈركۈمىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى 418 نومۇر، خەنزۇ تىلى تەبىئىي پەن بىرىنچى تۈركۈمىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى 405 نومۇر، تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن مەخسۇس كۇرس نومۇر سىزىقى 200 نومۇر بولغان؛

  قوش تىلدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي پەن بىرىنچى تۈركۈمىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى 405 نومۇر، خەنزۇ تىلى تەبىئىي پەن بىرىنچى تۈركۈمىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى 433 نومۇر، تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن مەخسۇس كۇرس نومۇر سىزىقى 200 نومۇر بولغان. بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە 600 دىن يۇقىرى يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 1000دىن ئېشىپ، بۇلتۇرقىدىن كۆپ بولغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا -ئانىلىرىنى ئەسكەرتىدۇ: بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نۆلىنچى تۈركۈمىدە توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 6- ئاينىڭ 28 - كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20 گىچە بولىدۇ، باشقا تۈركۈمدىكى ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 1 - ئىيۇل بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20 گىچە بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ شەخسنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتىنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاپ، نەتىجىسى، ھەرقايسى تۈركۈملەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، سالماقلىق بىلەن ئەقىلگە تايىنىپ ئارزۇ تولدۇرۇشىنى، ھەرگىز ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتى يېقىنلاپ قالغاندا ئالدىراپ تولدۇرۇپ، ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە سانلىق مەلۇماتنى يوللاشقا تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ھەرقايسى تىل، ھەر قايسى تۈركۈم ( قېتىم ) بويىچە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، 6 - ئىيۇل رەسمىي باشلىنىپ، 11 تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدىكەن. ھەر قايسى تۈركۈم پىلان ئورۇندالمىسا، داۋاملىق « شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» ئارقىلىق قايتا ئارزۇ قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، جەمئىي تۆت قېتىم توردا قايتا ئارزۇ قوبۇل قىلىدىكەن. قوبۇل قىلىش تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتى ۋە پىلان ئورۇندالمىغان ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ قايتا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى پات ئارىدا ئالاقىدار ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى » ، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار سۇپىسى، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى» شىنلاڭ مىكرو بلوگىدا ئېلان قىلغان توردا قوبۇل قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە خىزمەت ئەھۋالى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، قايتا ئارزۇ تولدۇرۇش، ئارزۇسىنى ئۆزگەرتىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

  شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى تور ئادرېسى: http://www.xjzk.gov.cn

  شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار نومۇرى: xjzs140304

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر