باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن دەرھال ئايرىلىشى تەلەپ قىلىندى

2016.06.27 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25-ئىيۇن، گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا جىددىي يىغىن ئۆتكۈزگەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى يادرولۇق ئالتە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى، ئەنگلىيەگە كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئەنگلىيەدىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مۇساپىسىنى دەرھال باشلىشىنى تەلەپ قىلدى.


  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرلىكىدىن ئىستېپا بېرىشنى جاكارلىغان كامېرون يېقىندا مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش سۆھبىتىگە كېيىنكى باش ۋەزىر يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك، بىراق ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى ئاز دېگەندە ئون ئايدىن كېيىن ئاندىن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ. بېرلىن يىغىنىغا قاتناشقان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرىمۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


  فىرانسىيە، گوللاندىيە، ئىتالىيە ۋە چېخ قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئوڭ قانات كۈچ بولغان ياۋروپا پارتىيەسى ئەنگلىيەگە ئوخشاش ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى ئومۇمىخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر