باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(8)

(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2012 – يىل 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ماقۇللاندى)

2016.06.27 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7 – باب پارتىيە ئىنتىزامى

  37 – ماددا پارتىيە ئىنتىزامى پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق ئەزالىرى رىئايە قىلىشى شەرت بولغان ھەرىكەت قائىدىسى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشنىڭ كاپالىتى. پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ۋە قوغدىشى، كومپارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنى پارتىيە ئىنتىزامى بىلەن ئاڭلىق تىزگىنلەپ تۇرۇشى شەرت.

  38 – ماددا پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىغا ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ، ئادەمنى قۇتقۇزۇش روھى بويىچە، خاتالىقىنىڭ خاراكتېرىگە ۋە قىلمىشىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ، تەنقىد – تەربىيە بېرىشى، ھەتتا ئىنتىزام جازاسى بېرىشى كېرەك.

  جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىنى جەزمەن پارتىيەدىن چىقىرىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدە پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە نىزامنامىسىگە ۋە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ۋاسىتىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش ۋە قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. مۇشۇ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرنى پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  39 – ماددا پارتىيەنىڭ ئىنتىزام جازاسى بەش خىل بولىدۇ: ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ۋە پارتىيەدىن چىقىرىش.

  پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش مەزگىلىدە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بولمايدۇ. پارتىيە ئەزاسى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش داۋامىدا خاتالىقىنى ھەقىقەتەن تۈزەتكەن بولسا، ئۇنىڭ پارتىيە ئەزاسىغا خاس ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك؛ تۈزەتمەي خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇۋالسا، پارتىيەدىن چىقىرىلىشى لازىم.

  پارتىيەدىن چىقىرىش پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى جازا. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزاسىنى پارتىيەدىن چىقىرىشنى قارار قىلىش ياكى تەستىقلاشتا، ئالاقىدار ماتېرىيال ۋە پىكىرلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشى، ئىنتايىن ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەك.

  40 – ماددا پارتىيە ئەزاسىغا بېرىلىدىغان ئىنتىزام جازاسى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسى ئارقىلىق قارار قىلىنىشى ۋە پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت؛ ئەگەر چېتىلىدىغان مەسىلىلەر بىرقەدەر مۇھىم ياكى مۇرەككەپ بولسا ۋە ياكى پارتىيە ئەزاسىغا پارتىيەدىن چىقىرىش جازاسى بېرىشكە توغرا كەلسە، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، پارتىيەنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ياكى ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا تەستىقلىتىش لازىم. ئالاھىدە ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ناھىيەدىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ھەم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە ئەزاسىغا ئىنتىزام جازاسى بېرىشنى بىۋاسىتە قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرىغا، كاندىدات ئەزالىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن چىقىرىش جازاسى بېرىشنى شۇ كىشى ئەزا بولغان كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئاۋاز بىلەن قارار قىلىشى شەرت. ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئاۋۋال مەركىزىي كومىتېتنىڭ سىياسىي بىيۇروسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقارسا، ئۇنى كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندا ئېتىراپ قىلسا بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان يۇقىرىدىكى جازا ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت.مەركىزىي كومىتېتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنى پارتىيەدىن چىقىرىشنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى قارار قىلىدۇ؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنى پارتىيەدىن چىقىرىشنى شۇ دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ دائىمىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ.

  41 – ماددا پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزاسىغا جازا بېرىشنى قارار قىلىشتا، پاكىتنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى لازىم. جازا قارارىدا ئاساس قىلىنغان پاكىت ماتېرىياللىرىنى ۋە جازا قارارىنى جازالانغۇچىغا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئەھۋال توغرىسىدىكى ئىزاھلىرىنى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك. جازالانغۇچى جازا قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەرز قىلسا بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەرزنى مەسئۇللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى ياكى باستۇرۇپ قويماي يۇقىرىغا تېز يەتكۈزۈپ بېرىشى شەرت. خاتا پىكىردە ۋە يولسىز تەلەپتە چىڭ تۇرۇۋالغان كىشىلەرگە تەنقىد – تەربىيە بېرىش لازىم.

  42 – ماددا پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداش جەھەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا، سۈرۈشتە قىلىنىشى شەرت.پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەم ئۆزى تۈزىتەلمەيدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە قاراپ، شۇ تەشكىلاتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ياكى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئۆزىدىن يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، رەسمىي ئېلان قىلىپ ئىجرا قىلىشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر