باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن جاڭسۇ ئۆلكىسىدىكى يارىدارلارنى قۇتقۇزماقتا

2016.06.27 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن جاڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ فۇنىڭ ناھىيەسى ۋە شېياڭ ناھىيەسىدىكى قارا قۇيۇن ئاپىتىگە ئۇچرىغان يارىدارلارنى قۇتقۇزماقتا. ھازىرغىچە 102 كىشى دوختۇرخانىدىن چىقتى، دوختۇرخانىدا 744كىشى داۋاملىق داۋالىنىۋاتىدۇ. دوختۇرخانىنىڭ قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن كېيىنكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى تەرتىپلىك ئىلىپ بېرىلماقتا.

  جاڭسۇ ئۆلكىلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى دەرھال 27 مۇتەخەسسىسنى ئەۋەتتى، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىمۇ بېيجىڭ، شاڭخەيدىن دۆلەتلىك دەرىجىلىك داۋالاش مۇتەخەسسسدىن ئالتىنى نەق مەيدانغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا 846 يارىدار بار، 20سىنىڭ كېسىلى ئېغىر. يەنچىڭ شەھەرلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ جې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 20 بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر بولغانلىقتىن، بىر-بىرلەپ داۋالاش ئەترىتى سەپلىدۇق. ئىككى كۈن جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا باشلىدى. ئەمما كېسىلى ئېغىرلارغا ، يارىدارلارغا پەرۋاسىزلىق قىلساق بولمايدۇ. بىز ئەھۋالى ئېغىر بولمىغان بىمارلارنىمۇ پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن داۋالايمىز، ھەرگىز ھەر قانداق كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشىگە يول قويمايمىز.

  جاڭسۇ ئۆلكىلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ خۇڭخۈي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر نەنجىڭدىن " دېزىنفېكسىيە قىلىش مەخسۇس ماشىنىسى" يۆتكەپ كېلىندى، سۈنئىي ئۇسۇلدا دېزىنفېكسىيە قىلىش بىلەن بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرىمىز. بارلىق نۇقتىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان كەنتلەردە ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، لېكسىيە سۆزلەش، دېزىنفېكسىيەلەش ئارقىلىق، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە يوچۇق قالماسلىققا، ئاپەتتىن كېيىن ئېغىر يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر