باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەرلەردىكى يەر ئاستى بوشلۇقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى ئېلان قىلىندى

2016.06.27 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى «شەھەرلەردىكى يەرئاستى بوشلۇقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ 13- بەش يىللىق پىلانىنى» ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئومۇمىي نىشان 2020-يىلغىچە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى بوشلۇقى پىلان قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىش.

  كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، شەھەرلەردىكى يەر ئاستى بوشلۇقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بار بولغان ھەمدە قۇرۇلۇۋاتقان يەر ئاستى بوشلۇقىنى تۈرگە ئايرىپ ۋە ئۇچۇر توپلاپ، كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاپ باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈش كېرەك. جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى يەر شارى مۇھىتى ۋە يەر شارى بايلىقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور جۇ يۇڭجاڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىز يەر يۈزىدىكى مۈلۈك ھوقۇقى خاراكتېرىگە دىققەت قىلاتتۇق، يەر ئاستى بوشلۇقىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن قىممىتى بار. شۇڭا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ يەر ئاستىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش-يەر ئاستىنىڭ بوشلۇق بايلىقىنى ئېچىشقا ئىنتايىن ياخشى ئاساس سېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا «پىلاندا» مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يەر ئاستى بوشلۇقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ تۈرلۈك باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەر، ئۆلچەملىك قېلىپلارنى تۈزۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر