باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(7)

(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2012 – يىل 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ماقۇللاندى)

2016.06.27 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6 – باب پارتىيە كادىرلىرى

  33 – ماددا پارتىيە كادىرلىرى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ تايانچ كۈچى، خەلقنىڭ خىزمەتكارى. پارتىيە كادىرلارنى ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپى بويىچە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ، ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز يېقىنلىرىنى ئىشقا قويۇشقا قارشى تۇرىدۇ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىشى، ياشلىشىشى، زىيالىيلىشىشى ۋە ئىختىساسلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  پارتىيە كادىرلارنى تەربىيەلەشكە، يېتىشتۈرۈشكە، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە، باھالاشقا ۋە نازارەت قىلىشقا، بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  پارتىيە ئايال كادىرلارنى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

  34 – ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇشۇ نىزامنامىنىڭ 3 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

  (1) ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇش، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل بىلەن تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا تىرىشىش، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، ھەر خىل بوران – چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش.

  (2) كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايىگە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك چىڭ ئېتىقادقا ئىگە بولۇش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە تۈرلۈك فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشكە ئىرادە باغلاش، ئۆزىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا بېغىشلاش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش.

  (3) قەتئىي ئېغىشماي ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئۆز رايونىنىڭ، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، خىزمەتنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىش، شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇش.

  (4) كۈچلۈك ئىنقىلابىي كەسىپچانلىققا ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىققا، ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولۇش، رەھبەرلىك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان تەشكىلاتچىلىق ئىقتىدارىغا، مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ۋە كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولۇش.

  (5) خەلق بەرگەن ھوقۇقنى توغرا ئىشلىتىش، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىش قىلىش، پاك – دىيانەتلىك بولۇش، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەش، ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش، جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئاددىي – ساددا ياشاش، ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ تەنقىد ۋە نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش، ئەخلاقىي تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش، پارتىيەۋىلىككە، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش، ئۈلگە بولۇش، ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇش، خىزمەت ھوقۇقىنى كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىدىغان، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغان ناتوغرا ئىستىللارنىڭ ھەرقاندىقىغا قارشى تۇرۇش.

  (6) پارتىيەنىڭ دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە قوغداش، دېموكراتىيە ئىستىلى ۋە ئومۇمىيەت كۆز قارىشىغا ئىگە بولۇش، يولداشلار بىلەن، جۈملىدىن ئۆزى بىلەن بىر پىكىردە بولمىغان يولداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىللە ئىشلەشكە ماھىر بولۇش.

  35 – ماددا پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەسىز كادىرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەشكە ماھىر بولۇشى، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشى لازىم.پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ھەقىقىي قابىلىيەتلىك ۋە بىلىملىك پارتىيەسىز كادىرلارنى بايقاشقا ۋە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەشكە كۆرسىتىشكە ماھىر بولۇشى، ئۇلارنىڭ خىزمىتىمۇ، ھوقۇقىمۇ بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.36 – ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرىدىن دېموكراتىك يول بىلەن سايلانغانلارنىڭ ۋەزىپىسىمۇ، رەھبىرىي ئورگانلار تەيىنلىگەنلەرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ باقىۋەندە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ.يېشى ۋە سالامەتلىكى داۋاملىق ئىشلەشكە يار بەرمەيدىغان كادىرلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىقىشى لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر