باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(2)

(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2012 – يىل 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ماقۇللاندى)

2016.06.27 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1 – باب پارتىيە ئەزالىرى

  1 – ماددا يېشى 18 گە تولغان جۇڭگو ئىشچىلىرى، دېھقانلىرى، ھەربىيلىرى، زىيالىيلىرىدىن ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەبىقىلەردىكى ئىلغارلاردىن پارتىيەنىڭ پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ بىرەر تەشكىلاتىغا قاتنىشىشنى ھەمدە ئۇنىڭدا ئاكتىپ ئىشلەش، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە ۋاقتى – قەرەلىدە ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرۇشنى خالايدىغانلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  2 – ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ كوممۇنىستىك ئاڭغا ئىگە ئاۋانگارت جەڭچىسىدۇر.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتماي، كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشى شەرت.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى مەڭگۈ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئاددىي بىر ئەزاسىدۇر. كومپارتىيەنىڭ بارلىق ئەزالىرى قانۇن ۋە سىياسەتتە بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى شەخسىي مەنپەئەت ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن باشقا ھەرقانداق خۇسۇسىي مەنپەئەت ۋە ئىمتىيازنى كۆزلىمەسلىكى كېرەك.

  3 – ماددا پارتىيە ئەزالىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى شەرت:

  (1) ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەت ۋە قارارلىرىنى، پارتىيەگە دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى، پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرى، قانۇن ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش.

  (2) پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە تۈرلۈك فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىش، ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ئۈچۈن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رول ئويناش.

  (3) قەتئىي ئېغىشماي پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇش، شەخسىي مەنپەئەتنى پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇش، جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە ئارقىدا تۇرۇش، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، كۆپ تۆھپە قوشۇش.

  (4) پارتىيە ئىنتىزامىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەل قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى قاتتىق ساقلاش، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش، تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا بويسۇنۇش، پارتىيەنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئاكتىپ ئورۇنداش.

  (5) پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، پارتىيەگە سادىق – سەمىمىي بولۇش، سۆز – ھەرىكەتتە بىردەك بولۇش، بارلىق مەزھەپچىلىك تەشكىلاتلىرىغا ۋە گۇرۇھۋازلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىككى يۈزلىمىلىك قىلمىشلىرىغا ۋە بارلىق سۇيىقەست، ھىيلە – مىكىرلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش.

  (6) تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدنى ھەقىقىي قانات يايدۇرۇش، خىزمەتتىكى كەمچىلىك ۋە خاتالىقلارنى دادىل ئېچىپ تاشلاش ھەم تۈزىتىش، پاسسىپلىق، چىرىكلىككە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش.

  (7) ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش، ئاممىغا پارتىيەنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئامما بىلەن بامەسلىھەت ئىش قىلىش، ئاممىنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى پارتىيەگە ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش، ئاممىنىڭ ھەققانىي مەنپەئەتىنى قوغداش.

  (8) سوتسىيالىستىك يېڭى كەيپىياتنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، كوممۇنىستىك ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىش، دۆلەتنىڭ ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، بارلىق قىيىن ۋە خەتەرلىك پەيتلەردە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق.

  4 – ماددا پارتىيە ئەزالىرى تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:

  (1) پارتىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ، پارتىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنى كۆرىدۇ، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە تەلىمىنى ئالىدۇ.

  (2) پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە پارتىيە يىغىنلىرىدا ۋە پارتىيەنىڭ گېزىت – ژۇرناللىرىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمىگە قاتنىشىدۇ.

  (3) پارتىيە خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپ ۋە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  (4) پارتىيە يىغىنلىرىدا پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتىنى ۋە ھەرقانداق ئەزاسىنى پاكىت كۆرسىتىپ تەنقىد قىلىدۇ، پارتىيە ئالدىدا پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتى ۋە ھەرقانداق ئەزاسىنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ ئىشلىرىنى جاۋابكارلىق بىلەن پاش قىلىدۇ، ئاشكارىلايدۇ، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىدۇ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان كادىرلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ياكى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  (5) ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  (6) پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىشنى مۇزاكىرە قىلىپ قاراردىن ئۆتكۈزۈش ياكى ئۇلارنى باھالاش ۋاقتىدا، پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۆزى قاتنىشىشقا ۋە ئۆزىنى ئاقلاشقا ھوقۇقلۇق، پارتىيەنىڭ باشقا ئەزالىرى ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرسە ۋە ئۇنى ئاقلىسا بولىدۇ.

  (7) پارتىيەنىڭ قارارى ۋە سىياسىتىگە باشقىچە پىكرى بولسا، قارار ۋە سىياسەتنى قەتئىي ئىجرا قىلىش شەرتى ئاستىدا، ئۆز پىكرىدە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە بولىدۇ ھەمدە ئۆز پىكرىنى پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتىغا، ھەتتا مەركىزىي كومىتېتقا سۇنسا بولىدۇ.

  (8) پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتىغا، ھەتتا مەركىزىي كومىتېتقا ئىلتىماس، ئەرز ۋە شىكايەت سۇنالايدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللۇق بىلەن جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلالايدۇ. پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتىنىڭ، ھەتتا مەركىزىي كومىتېتنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى يۇقىرىدىكى ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قىلىشقا ھەققى يوق.

  5 – ماددا پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشتا، پارتىيە ياچېيكىسىدىن ئۆتكۈزۈش، ئايرىم – ئايرىم قوبۇل قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش شەرت.

  پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى پارتىيەگە كىرىش تەلەپنامىسىنى تولدۇرىدۇ، ئىككى نەپەر رەسمىي پارتىيە ئەزاسى تونۇشتۇرغۇچى بولىدۇ، ياچېيكا يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن شۇنىڭدەك كاندىداتلىق مۇددىتىدە سىنالغاندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي پارتىيە ئەزاسى بولىدۇ.

  تونۇشتۇرغۇچىلار ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىدىيەسى، پەزىلىتى، تارىخىنى ۋە خىزمەتتىكى ئىپادىسىنى ئەستايىدىل ئىگىلىشى، ئۇنىڭغا پارتىيەنىڭ پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى چۈشەندۈرۈشى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرتى، مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئوچۇق ئېيتىشى ھەمدە بۇنى پارتىيە تەشكىلاتىغا مەسئۇللۇق بىلەن مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ياچېيكا كومىتېتى پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈستىدە پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاممىدىن پىكىر ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قاتتىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق لاياقەتلىك دەپ ھېسابلىسا، ئاندىن ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ پارتىيەگە كىرىشىنى تەستىقلاشتىن ئاۋۋال، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئادەم تەيىنلەپ، ئۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشى ھەمدە ئۇنىڭ پارتىيەگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى لازىم.

  ئالاھىدە ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كومىتېتلىرى پارتىيەگە بىۋاسىتە ئەزا قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

  6 – ماددا كاندىدات پارتىيە ئەزاسى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تۇرۇپ، پارتىيەگە قەسەم بېرىشى شەرت. قەسەمنامە مۇنداق: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئۆز ئىختىيارىم بىلەن كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىمەن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىمەن، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىمەن، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىمەن، پارتىيە مەخپىيىتىنى ساقلايمەن، پارتىيەگە سادىق بولىمەن، ئاكتىپ ئىشلەيمەن، كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىمەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن.

  7 – ماددا كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ. پارتىيە تەشكىلاتى كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىنى ئىخلاس بىلەن تەربىيەلىشى ۋە تەكشۈرۈشى لازىم.

  كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى رەسمىي پارتىيە ئەزاسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. كاندىدات پارتىيە ئەزاسى ئاۋاز بېرىش، سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رەسمىي پارتىيە ئەزاسى بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە.

  كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى توشقاندا، پارتىيە ياچېيكىسى ئۇنىڭ رەسمىي ئەزالىققا ئۆتۈش – ئۆتەلمەسلىكىنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىشى لازىم. كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىدىن پارتىيەنىڭ ئەزالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلغان، پارتىيەنىڭ ئەزالىق شەرتلىرىنى ھازىرلىغانلارنى ۋاقتىدا رەسمىي ئەزالىققا ئۆتكۈزۈش كېرەك؛ داۋاملىق تەكشۈرۈش ۋە تەربىيەلەشكە توغرا كېلىدىغانلىرىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى ئۇزارتىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان ۋاقىت بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ پارتىيەنىڭ ئەزالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغان، پارتىيەنىڭ ئەزالىق شەرتلىرىنى ھازىرلىمىغانلارنى كاندىدات پارتىيە ئەزاسىلىق لاياقىتىدىن قالدۇرۇلىدۇ. كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ رەسمىي ئەزالىققا ئۆتكۈزۈلۈشى ياكى كاندىداتلىق مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشى ۋە ياكى كاندىدات پارتىيە ئەزاسىلىق لاياقىتىدىن قالدۇرۇلۇشى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىشىدىن ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.

  كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى ياچېيكا يىغىنى ئۇنى كاندىدات ئەزالىققا ماقۇللىغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيە ئىستاژى كاندىداتلىق مۇددىتى توشۇپ رەسمىي ئەزالىققا ئۆتكەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

  8 – ماددا ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، پارتىيەنىڭ بىرەر ياچېيكىسى، بىرەر گۇرۇپپىسىدا ياكى باشقا مۇئەييەن تەشكىلاتىدا پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىشى، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغىمۇ قاتنىشىشى لازىم. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشمايدىغان، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلمايدىغان ھەر قانداق ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسىنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  9 – ماددا پارتىيە ئەزاسى پارتىيەدىن چىقىپ كېتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. پارتىيە ئەزاسى پارتىيەدىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلسا، ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلىكى جاكارلىنىشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك.

  ئىنقىلابىي ئىرادىسى ئاجىزلىشىپ كەتكەن، پارتىيەنىڭ ئەزاسىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، پارتىيە ئەزاسىلىق شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغان پارتىيە ئەزاسىغا پارتىيە ياچېيكىسى تەربىيە بېرىپ، ئۇنىڭدىن سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشى لازىم؛ تەربىيە بېرىلسىمۇ تۈزەلمىگەن پارتىيە ئەزاسىنى پارتىيەدىن نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزاسىنى پارتىيەدىن نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرۈشنى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسى بىلەن قارار قىلىش ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا تەستىقلىتىش لازىم. پارتىيەدىن نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرۈلىدىغان پارتىيە ئەزاسى چېكىنىشكە ئۇنىماي تۇرۇۋالسا، ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇپ، ئۇنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى قارار قىلىش ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

  پارتىيە ئەزاسى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن ئۇدا ئالتە ئايغىچە پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشمىسا ياكى ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرمىسا ۋە ياكى پارتىيە تەقسىم قىلغان خىزمەتنى ئىشلىمىسە، پارتىيەدىن ئۆزلۈكىدىن ئايرىلغان دەپ قارىلىدۇ. ياچېيكا يىغىنى بۇنداق پارتىيە ئەزاسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى قارار قىلىشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا يوللاپ تەستىقلىتىشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر