باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى 2017-يىلى 4-ئايدا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىدۇ

2016.06.27 16:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئادەملىك ئالەم كېمىسى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ پىڭ 25-ئىيۇن ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتانى تۇنجى قېتىم قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ تۇنجى يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى 2017-يىلى 4-ئايدا ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا 2017-يىلى 7-ئايدا ئېلىمىزنىڭ تۇنجى يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىدۇ، ئاندىن كېيىن ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇلۇشى ۋە تىجارەت ۋەزىپىسىدە، ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى بىلەن يۈك تىرانسپورت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ ماددىي ئەشيا تولۇقلاش ۋە ئىتتەرگۈچ تولۇقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ۋۇ پىڭ مۇنداق دېدى: تېخنىكا لايىھەسىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە ئىقتىدارىنىڭ مۇقىملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا ئېلىمىزنىڭ ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇزۇن سەپەر توشۇغۇچى راكېتاسىنىڭ ئالاقىدار تىپلىرىنىڭ پەيدىن-پەي ئىزىنى بېسىپ، ئېلىمىزنىڭ كەلگۈسى ئالەم ئىشلىرىنىڭ قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىدىكى جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر