باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

15 تارماق " سالامەتلىك جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر"نى تارقاتتى

2016.06.27 16:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قاتارلىق 15 تارماق بىرلىكتە " سالامەتلىك جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر"نى تاقاتتى. پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سالامەتلىك جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 2020-يىلىغىچە نامرات رايونلاردىكى ھەممە ئادەمنى ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ماس قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە سالامەتلىك جەھەتتە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نامراتلارنىڭ داۋالاش كاپالەت سەۋىيەسىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى، كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش ، داۋالاش قۇتقۇزۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنىڭ تۇتاشما مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، كاپالەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  سالامەتلىك جەھەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇنداق 4 نىشانى بار: 1-، نامرات رايونلاردىكى كىشىلەرنى كېسەل كۆرسىتىشكە مادارى يېتىدىغان قىلىش. 2-، ئۇلارنى كېسىلىنى ياخشى كۆرسىتەلەيدىغان قىلىش. 3-، ئۇلارنى كېسىل كۆرسىتەلەيدىغان قىلىش. 4-، ئۇلارنى كېسەلدىن خالىي قىلىش.

  دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: سالامەتلىك جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىدا ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قارىتا، بىر جايدا بىر سىياسەت، بىر ئائىلىگە بىر ئارخىپ، بىر ئادەمگە بىر كارتا قوللىنىلىدۇ، ئائىلىلەر، ئادەملەرگىچە، كېسەللىك سەۋەبلىك نامراتلىشىپ كەتكەن ئائىلىلەر ۋە كېسەللەرگىچە توغرىلىنىدۇ، نۇقتىلىق، رايونلار، ئادەملەر، كېسەللەر گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئالدى ئېلىش بىلەن داۋالاشقا تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، نامراتلىق قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكۈلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر