باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ تەپتىش ئورگىنى: لېي ياڭنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئورگىنىغا قىلىنغان ھاۋالە قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، دېدى

2016.06.27 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى تۆتىنچى تارماق مەھكىمىسى لېي ياڭنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك ساقچى خادىمى شىڭ X قاتارلىقلار تەكلىپ قىلغان ئادۋوكات ۋە ئۆلگۈچى لېي ياڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تەكلىپ قىلغان ئادۋوكات قاتناشتۇرۇلغان سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئىككى تەرەپ ئادۋوكاتىنىڭ دىلو بېجىرىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى ھەم ئىككى تەرەپنىڭ ئادۋوكاتىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  تەپتىش مەھكىمىسى لېي ياڭنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئورگىنىغا قىلىنغان ھاۋالە قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىگە قارىتا پۈتۈن جەرياننى نازارەت قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىنغا قاتناشقان ئادۋوكاتلار پىكرىنى تولۇق بايان قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە تەكلىپ بەردى. تەپتىش ئورگانلىرى دىلونى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ، ئادىل بېجىرىدىغانلىقىنى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئادۋوكاتلارنىڭ كەسپىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر