باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتنىڭ 4-دەرىجىلىك ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئىنكاسى يولغا قويۇلدى

2016.06.27 16:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئاپەت زېنىنى ئازايتىش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا ئەنخۇي ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇشتىكى دۆلەتنىڭ 4-دەرىجىلىك ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئىنكاسىنى يولغا قويۇپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئەۋەتىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى، ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەشكە ياردەملەشتى ۋە بۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 18-ئىيۇندىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي رايونىدا قاتتىق يامغۇر ياغقان، نۇرغۇن جايلاردا ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ۋە قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكەن، تاغ جىنسلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق ئاپەتلەر يۈز بېرىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن. دوكلات قىلىنىشىچە، 25-ئىيۇن سائەت 9غىچە، ئاپەتتە ئەنچىڭ خۇاڭشەن، چىجۇ، شۈەنچېڭ قاتارلىق 7 شەھەردىكى 21 ناھىيە، شەھەر، رايوندا 1 مىليون 620 مىڭ كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان، 10 كىشى قازا قىلغان، بىۋاسىتە ئىقتىسادى زىيان 3 مىليارد 280 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  ئاپەت بولغاندىن كېيىن، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى 3-دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى يولغا قويۇپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئاپەت ئېغىر بولغان رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى، ئۆلكە دەرىجىلىك تەبىئىي ئاپەت تۇرمۇش قۇتقۇزۇش پۇلىدىن 3 مىليون ئاجراتتى، ئاپەت ئېغىر بولغان رايونلارغا 7 مىليون 960 مىڭ يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پۇلى بەردى، گۈرۈچ، ئىچىملىك سۇ، قولايلىق يېمەكلىك قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر