- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مېركېل بىلەن ھوللاندى: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ مەسىلىلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرايلى
2015.10.09 16:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى 7-ئۆكتەبىر ستراسبۇرگدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا بىرلەشمە سۆز قىلغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، مۇساپىرلار كىرىزىسى، قەرز كىرىزىسى قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. مېركېل مۇساپىرلار پاناھلىنىش قائىدىسىنى قايتىدىن تۈزۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت مەسئۇلىيەتنى ئادىل تەقسىم قىلىپ ئۈستىگە ئېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ھوللاندى: كۈچلۈك ياۋروپا رايون بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى، دېدى. ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تېخىمۇ قاتتىق چېگرا كونترول سىستېمىسى ۋە مۇساپىرلار پاناھلىنىدىغان ئورتاق سىستېما تۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر