باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە تۇنجى تۈركۈمدە «ئۈچ كىنىشكا بىرلەشتۈرۈلگەن، بىر كىنىشكا، بىر كود»لۇق تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىلدى

2015.10.09 16:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ «دەنلۇ» تۈرلۈك ماللار چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ۋېڭ كۇاڭجې 8 - ئۆكتەبىر: دۆلەت بايرىمىدىن ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرغانىدىم، بۈگۈن بايرامدىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە تىجارەت كىنىشكىسىنى بېجىرىپ بولدۇم، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، دېدى. شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ «دەنلۇ» تۈرلۈك ماللار چەكلىك شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كارخانىغا تۇنجى تۈركۈمدە «ئۈچ كىنىشكا بىرلەشتۈرۈلگەن، بىر كىنىشكا، بىر كود» لۇق تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىپ بەردى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ تۈردىكى ئىسلاھاتنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  «ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» دېگىنىمىز تىجارەت كىنىشكىسى، تەشكىلىي ئاپپاراتنىڭ كود كىنىشكىسى ۋە باج تىزىملاش كىنىشكىسىدىن ئىبارەت «ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» نى كۆرسىتىدۇ. «بىر كىنىشكا، بىر كود» دېگىنىمىز بىر تىجارەت كىنىشكىسىدا بىرلا نومۇر بولۇپ، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى سېلىشتۇرۇپ تارقاتقان، 18 خانىلىق «بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى» قوشۇلغان تىجارەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۈلنىسا ساۋۇر مۇنداق دېدى: «ئۈچ كىنىشكا بىرلەشتۈرۈلگەن، بىر كىنىشكا، بىر كود» ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىش بېجىرىش ۋاقتى قىسقاردى، ئىش بېجىرىش رەسمىيەتلىرى ئاددىيلاشتى، ئىش بېجىرىش تەننەرخى تېجەلدى، «ئۈچ كىنىشكا بىرلەشتۈرۈلگەن، بىر كىنىشكا، بىر كود» لۇق تىجارەت كىنىشكىسىنى بېجىرىش ۋاقتى ئۈچ خىزمەت كۈنىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەيلى يېڭىدىن تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىش ياكى «ئۈچ كىنىشكا بىرلەشتۈرۈلگەن، بىر كىنىشكا، بىر كود» لۇق تىجارەت كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش بولسۇن، كارخانىلار كىنىشكا ھەققى، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ھەققىنى تاپشۇرمايدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، 2015 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئىلگىرى تارقىتىلغان «بىر كىنىشكا، ئۈچ خىل نومۇرلۇق» تىجارەت كىنىشكىسى، تەشكىلىي ئاپپارات كود كىنىشكىسى، باج تىزىملاش كىنىشكىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدىكەن، بۇ مەزگىلدە كارخانىلارغا ئارقا - ئارقىدىن «بىر كىنىشكا، بىر كود» لۇق تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلىدىكەن. 2018 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، «بىر تۇتاش كود» قوشۇلغان تىجارەت كىنىشكىسى ئىشلىتىلىپ، ئەسلىدىكى تىجارەت كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر