باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ھاسىل قىلغان سانلىق مەلۇماتلار بىخەتەرلىك پورت كېلىشىمىنى راستىنلا بىكار قىلدى

2015.10.09 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپالىقلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ تور ماگناتى تورنى مونوپول قىلىۋالغانلىقىغا بولغان ۋەھىمىسى ئۇزۇن داۋاملاشتى، ئامېرىكىنىڭ توردا ياۋروپانى نازارەت قىلغانلىقىدىن گۇمانلانغان، لېكىن ئۇزۇندىن بۇيان، ياۋروپانىڭ مەمۇرىي ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى پەقەت ئامېرىكىنىڭ كارخانا ۋە ئورگانلىرى بىلەنلا قەلەم داۋاسى قىلىپ، ئېغزاكى ئاغرىنىپلا ماھىيەتلىك چوڭ تەدبىر قوللانمىغان، 6-ئۆكتەبىر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي ئەدلىيە قانۇن ئورگىنى ياۋروپا سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمىدە بۇ ۋەزىيەت ئۆزگەرتىلدى.

  ئۇ ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ 15 يىل بۇرۇن ئىمزالىغان سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قوغداش كېلىشىمىنى بىكار قىلدى، بۇندىن كېيىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئامېرىكا كارخانىسى ئاسانلىقچە ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ.

  ياۋروپا سوت مەھكىمىسى چىقارغان كېسىمدە ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا 2000-يىلى ئىمزالىغان سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش «بىخەتەرلىك پورت كېلىشىمى» ئىناۋەتسىز دەپ بېكىتىلدى. بۇندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ تور پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى يىغقان ياۋروپالىق پۇقرالارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئامېرىكىغا ئېلىپ بېرىلغاندا قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، بۇ فەيىسبوك، گوگۇل، ئامازون قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ ئىنتېرنېت ماگناتلىرىغا غايەت زور تەسىر پەيدا قىلدى.

  لوكسىمبورگقا جايلاشقان ياۋروپا سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش قانۇنىدا مۇنۇلارنى بەلگىلەنگەن: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى پۇقرالىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا بولمىغان دۆلەتلەر بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئۈنۈملۈك قوغدىسا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى تەلەپكە يېتەلمىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان « بىخەتەر پورت كېلىشىمى» ئىناۋەتسىز، فەيىسبوك قاتارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرى يىغقان ياۋروپالىق ئابۇنىتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئامېرىكىغا يەتكۈزۈش دەرھال توختىتىلىدۇ.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا 15 يىل بۇرۇن «بىخەتەر پورت كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، تور سودىگىرى ئارقىلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن بەلگىلىمىسىدىكى پەرققە سەل قاراپ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەللىرى ئارىسىدىكى تور سانلىق مەلۇماتلىرىنى قانۇنلۇق يەتكۈزۈشكە يول قويغان. ئۇزۇندىن بۇيان، گوگۇل، فەيىسبوك قاتارلىق تۆت مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپادىكى تىجارەت ئەندىزىسى بۇ كېلىشىم تەرىپىدىن قوغدىلىپ كەلدى، ياۋروپالىق ئابونىتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئامېرىكىغا يەتكۈزۈلۈپ ساقلاندى ۋە ئانالىز قىلىندى.

  2013-يىلى ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇداپىئە ھۆددىگىرىنىڭ ياللانما خادىمى سىنوۋدىن ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، فەيىسبوك ھەمدە باشقا شىركەتلەر پىرىزما تۈرىدە ئامېرىكا خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىۋالغان. شۇڭا ئاسۋىستىرىيەدىكى بىر قانۇن ئالىمى شىرىمېس فەيىسبوكنىڭ ياۋروپادىكى باش ئورگىنى تۇرۇشلۇق ئېرلاندىيە دائىرىلىرىگە ئەرز قىلىپ: فەيىسبوكتا ساقلانغان شەخسىي ئۇچۇرلار ئامېرىكا دۆلەت ئورگىنىنىڭ نازارىتىدە تۇرماقتا، شۇڭا بۇ بىخەتەر ئەمەس دەپ ھېسابلىغان.

  شىرىمېسنىڭ ئەرزى مەسئۇل تارماقلار تەرىپىدىن «بىخەتەر پورت كېلىشىمى»گە نەقىل قىلىنىپ رەددىيە بېرىلگەن، ئۇ ئارقىدىن بۇ ماجىرانى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىش ئارقىلىق ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ «بىخەتەر پورت كېلىشىمى» سانلىق مەلۇماتلار ماجىراسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئىككى ھەپتە بۇرۇن، ياۋروپا سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بوت خۇسۇسىي باھا دوكلاتى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي مەلۇماتلىرىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ مۇلازىمىتىرى «بىخەتەر» ئەمەس. ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنى ئامېرىكىدا ساقلانغان مۇلازىمىتىرنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نازارەت قىلدى، ناۋادا شەخسىي مەلۇماتلار فەيىسبوك ياكى گوگۇل قاتارلىق شىركەتلەر تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىنسا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى پۇقرالىرى مۇۋاپىق ئەدلىيە كاپالىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.ياۋروپا سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىشتا «بىخەتەر پورت كىلىشىمى»ئىمزالىغان كارخانىلارنىڭ نائىلاج سانلىق مەلۇماتلىرىنى ساقلاش لايىھەسىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تايىنىپ قالدى. تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: ناۋادا ئامېرىكا كارخانىلىرى يېڭى بەلگىلىمە ئىجرا قىلسا، ياۋروپا ئابونىتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ياۋروپادا ساقلىنىدۇ، بۇ تېخنىكا جەھەتتىن غايەت زور تەڭشەشكە، غايەت زور ۋاقىت ۋە مەبلەغقە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بىر قىسىم ئامېرىكا كارخانىلىرى تىجارىتى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن ياۋروپادىن چېكىنىپ چىقىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر