باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق گېزىتخانىسى يېڭى تاراتقۇ مەركىزى رەسىمىي قۇرۇلدى

2015.10.09 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. خەلق گېزىتخانىسىنىڭ يېڭى تاراتقۇ مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى خەلق گېزىتخانىسىنىڭ يېڭى پۈتكەن يېڭى ئاخبارات بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  خەلق گېزىتخانىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، خوشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. خەلق گېزىتخانىسى ئابونچىلار ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، تارقىتىش پۈتۈن كۈنلۈك بولۇش ۋە مۇلازىمەتنى نۇرغۇن ساھەگە كېڭەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئابونچىلارنى 300 مىليونغا يەتكۈزدى.« خەلق گېزىتى» قانۇنىي ئىگە مىكروبلوگىغا توپلانغان ئابونچى 72 مىليوندىن ئېشىپ، «جۇڭگودىكى تۇنجى تاراتقۇ مىكروبلوگى» بولۇپ قالدى، «خەلق گېزىتى »ئۈندىدار جامائەت نۇمۇرى تېز كېڭيىپ، ئۈندىدار سۇپىسى تەسىرى جەھەتتە 1- ئورۇندا تۇردى؛ «خەلق گېزىتى» ئابونچىلار كۆزنىكى ئېچىلىپ بىر يىل ئۈچ ئاي بولدى، ماتېرىيال چۈشۈرۈش مىقدارى 77 مىليوندىن ئاشتى.

  خەلق گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ يىغىندا مۇنداق دېدى: خەلق گېزىتخانىسى يېڭى تاراتقۇ مەركىزىنىڭ رەسىمىي قۇرۇلغانلىقى خەلق گېزىتخانىسىنىڭ تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە يېڭى قەدەم ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گېزىتخانا يېڭى تاراتقۇ مەركىزىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق تورىنى ياخشى باشقۇرۇشقا مەدەت بېرىش بىلەن بىللە، تۈرلۈك تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلق گېزىتى ئابونچىلار كۆزنىكىنىڭ يادرو قىلغان كۆچمە تارقىتىش يېڭى ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تېلېگراممىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر