باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىتنى قوغداش سانائەت مەدەنىيىتىنىڭ يادروسىغا ئايلاندى

2015.10.09 16:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ جۇڭگودىكى بىرىنچى گازلاشقان شەھەر. بەش يىلدىن بۇيان، مەركەز ۋە يەرلىك 53 مىليارد 870 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بىرلەشمە مېخانىزمى ئورنىتىپ، ‹‹كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىشنى گازنى يېقىلغۇ قىلىشقا ئۆزگەرتىش››نى يادرو قىلغان ئېنېرگىيە مەنبەسى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، سانائەت كارخانىلىرى ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە مۇھىت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى قاتارلىق 236تۈرلۈك نۇقتىلىق تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ئاتموسفېراسىدا زور ياخشىلىنىش بولۇپ، 2014 – يىلى ھاۋا سۈپىتى ياخشى كۈن سانى 310 كۈنگە يېتىپ، 2010 – يىلىدىكىدىن 44 كۈن ئاشتى. ھاۋا تەركىبىدىكى دانچە ماددا، گۈڭگۈرتⅣ ئوكسىد ۋە ئازوت دىئوكسىدنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ‹‹11 – بەش يىل››دىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى.

  2013 – يىلى 30 – ئىيۇل 6 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز جەھەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، تارىم ئويمانلىقىنى 2424كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا قورشىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى تورى شەكىللەندۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىكى% 75 شەھەر، بازاردىكى 4مىليوندىن ئارتۇق كىشى نەپكە ئېرىشتى. جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىش دەۋرىدىن تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىش ‹‹كۆك ئالتۇن دەۋرى››گە كىردى.

  تەكلىماكان قۇملۇقى قىرغىقىنى بويلاپ جەنۇبتىن شىمالغا ماڭساق، زور ھەجىمدىكى قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنسىنىڭ قاتار تىزىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. شىمالىي شىنجاڭدا غەربتىن شەرققىچە بولغان 1400كىلومېتىردىن ئارتۇق رايون ئىچىدە، داۋانچىڭ شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىسى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر شامال ئېنېرگىيەسى مەنزىرە رايونىنى شەكىللەندۈرۈپ ، قاقاس چۆللۈككە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.

  شىنجاڭ جۇڭگودىكى پاكىز ئېنېرگىيەدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلانغان رايون بولۇپ قالدى. 2015 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلىرىنىڭ سىغىمى 8 مىليون 430 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلىرىنىڭ سىغىمى 4 مىليون 426 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى.

  يېشىللىققا پۈركەنگەن ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا سۇ ئېلېكتىرى بارغانسېرى زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى جارى قىلدۇرماقتا. ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك ھۆكۈمەت يەنىلا سۇ ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن باھالىماقتا. 2010 – يىلى 8 – ئايدا ئېچىلغان ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش سۆھبەت يىغىنىدا، شىنجاڭ تۇنجى قېتىم ‹‹بايلىقنى ئېچىش سىجىل بولۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل بولۇش››تىن ئىبارەت تەرەققىيات يولىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىر ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەسلىي 77 دىن 47 گە ئازايتىلدى.

  دۆلىتىمىز يەر كۆلىمىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان بۇ زېمىندا، ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، بارچە مەۋجۇدات جانلىنىپ، ئاسمان تېخىمۇ سۈزۈكلەشكۈسى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر