باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا مەسلىھەت بېرىدىغان 11 ئاپپارات سالاھىيەت بېكىتىش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى

2015.10.10 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق ئەسكەرتىش بېرىدۇ: شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى ياكى جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تورىغا كىرىپ، ئېلاندا دېيىلگەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئاپپاراتلىرىغا مەسئول كىشىگە تېلېفون قىلىپ، سالاھىيەت نومۇرىنى سېلىشتۇرسىلا ساختا ياكى ھەقىقىيلىقىنى ئايرىۋالالايدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېقىندا «ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ۋاستىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا سالاھىيەت بېكىتىش گۇۋاھنامىسى»غا ئىلتىماس قىلغان 11 ئورۇنغا گۇۋاھنامە تارقاتقان بولۇپ، بۇ ئاپپاراتلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە: ئۈرۈمچى چيەنيۆياڭ ئۇچۇر مەسلىھەت بېرىش چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى خۇايۈۋېييې مەسلىھەت بېرىش ـ باشقۇرۇش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ چېيدې مائارىپ مەسىلىھەت بېرىش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خەلقئارا ئىقتىساد ھەمكارلىق شىركىتى، شىنجاڭ ۋەنتۇڭجيې چەتئەلگە چىقىش مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تاشقى دوستلۇق ئالماشتۇرۇش ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى، شىنجاڭ يېڭى شەرق ئىستىقبال چەتكە چىقىش مەسلىھەت سوراش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ مېيسىن چەتكە چىقىش مەسلىھەت مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ رۇيتې يۈەنخاڭ يۈەنخاڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئاۋمېيجيا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش مۇلازىمەت ئىشلىرى، شىنجاڭ لەنلۈ دەرىخى خەلقئارا مائارىپ ئالماشتۇرۇش مەركىزى قاتارلىقلار. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر