باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش سىستېمىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلىنىڭ راسچوت قىلىنىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى

2015.10.09 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش سىستېمىسى (1-قارار) 8-ئۆكتەبىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى چېگرا ھالقىغان ۋە چەت ئەل كەسپىنى مەبلەغ راسچوتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  ھازىر، خەلق پۇلى جۇڭگونىڭ 2-چوڭ چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش پۇلى ۋە دۇنيادىكى 4-چوڭ چىقىم قىلىنىغان پۇلغا ئايلاندى، شۇڭا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇش ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىنى قوللاشقا جىددىي ئېھتىياج. خەلق بانكىسى 2012-يىلى خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش سىستېمىسى (CIPS) قۇرۇشنى باشلىغان، بۇ سىستېما پىلانغا ئاساسەن ئىككى قارارلىق قۇرۇلۇشقا بۆلۈنىدۇ، 1-قارار قۇرۇلۇش چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىنى بېجىرىشقا قولايلىق يارىتىدۇ، ئۇ چېگرا ھالقىغان مال سودىسى ۋە مۇلازىمە سودىسى راسچوتى، چېگرا ھالقىغان بىۋاسىتە سېلىنما، چېگرا ھالقىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە چېگرا ھالقىغان شەخسىي پېرېۋوت پۇلى كەسپىنى قوللايدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئەمەلىي ئومۇمىي سوممىلىق راسچوت ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇئامىلىدارلارنىڭ پېرېۋوت پۇلى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پېرېۋوت پۇلى كەسپى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ ھەر قايسى بىۋاسىتە قاتناشقۇچىلار بىر كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىقلا كىرىپ، راسچوت كەسپىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، راسچوت يولىنى قىسقارتىپ، راسچوت ئۈنۈمىنى ئۈستۈرىدۇ؛ يۈرۈشۈش ۋاقتى ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا، ئوكيانىيە قاتارلىق خەلق پۇلى كەسپىي قوللانغان ئاساسلىق ئۆلچەملىك ۋاقىت رايونلىرىنى قاپلايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر