باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «تۆت ناتوغرا ئىستىل» ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىدىن 163 مەلۇم قىلىندى

2015.10.10 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 9–ئۆكتەبىر ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «تۆت ناتوغرا ئىستىل» ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىدىن 163 مەلۇم قىلىندى.

  بۇ بۇ تور بېكىتى ئۇددا تۆت ئاي مەلۇم قىلغان ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «تۆت ناتوغرا ئىستىل» ۋە چىرىكلىك مەسىلىسى.بۇ قېتىم مەلۇم قىلىنغان ئاساسلىق مەسىلىلەر ئاساسلىقى ھۆكۈمەت پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، پارا يېيىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغا پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش، قائىدىگە خىلاپ ياردەم-تولۇقلىما پۇلى تارقىتىش، ھۆكۈمـەتنـىڭ پۇلىغا خىيانەت قىلىش، توي-تۆكۈن، نەزىر–چىراقلارنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش، ئاستىرىتتىن «كىچىك خەزىنە» قۇرۇش، ئىستېمال كارتىسى ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇش، قالايمىقان ھەق ئېلىش، ئومۇمنىڭ پۇلىنى شەخسىي نامدا ئامانەت قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، ئاساسىي قاتلامدا ساقلانغان تۆت ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزماقتا، ئاممىنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى كۈچلۈك. مەلۇم قىلىش، ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىپ، سەتچىلىكنى يوشۇرماي، يېتەرسىزلىكلەرنى قانات ئاستىغا ئالماي، جايلانى ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن تۆت ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى باشتىن ئاخىر ساقلاشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر