باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى پاختىكارلارغا پايدىلىقمۇ؟

2015.10.09 16:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنىڭ سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى باھالاش ئاساسىدا، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنىڭ سىناق نۇقتا خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پاختا تولۇقلىما چارىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.

  2014 – يىلىدىن بۇيان، دۆلەت پاختىنى ۋاقىتلىق يىغىپ ساقلاش سىياسىتى، يېزا ئىگىلىكىگە تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى، ئىمپورت – ئېكسپورتنى تەڭشەش سىياسىتىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان پاختا باھاسىنى تەڭشەش – تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. بىر يىلدىن بۇيان بۇ سىستېمىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولغان بولسىمۇ، ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا بىر مۇنچە زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى: بىر تەرەپتىن، كېۋەز تېرىقچىلىق تەننەرخى ئۆرلىدى، ۋاقىتلىق يىغىپ ساقلاش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە پاختىنىڭ باھاسى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقئارا بازاردا پاختا باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەچكە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا باھاسى بىلەن خەلقئارا بازاردىكى پاختا باھاسى ئارىسىدا پەرق بارغانسېرى چوڭايدى. دۆلەتنىڭ يىغىپ ساقلاش بېسىمى زىيادە ئېغىرلاپ كەتتى، پاختا بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاجىزلاپ، بىر پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر يەتتى.

  پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنىڭ سىناق نۇقتا خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش – يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسىنى ئايرىش ئىسلاھاتى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش بولۇپ، ئۇنىڭ نىشانى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش شەرتى ئاستىدا، باھانىڭ شەكىللىنىشىنى بازارنىڭ بەلگىلىشىگە تاپشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا ھۆكۈمەت بازار باھاسىغا ئارىلاشمايدۇ، ھۆكۈمەت بېرىدىغان باھا ئىچىدىكى ‹‹يوشۇرۇن تولۇقلىما›› بىۋاسىتە بېرىدىغان ‹‹ئاشكارا تولۇقلىما››غا ئۆزگىرىپ، پاختا ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىۋاسىتە ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسىنىڭ كۆپىنچىسى تېرىقچىلىق كۆلىمى بويىچە تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تۈسىدىكى تولۇقلىمىدىن ئىبارەت. پاختا نىشانلىق باھا تولۇقلىمىسى بولسا ئەمەلىي تېرىلغۇ كۆلىمى ياكى ھوسۇلى، سېتىش مىقدارى بىلەن باغلانغان بولۇپ، كېۋەزنى كۆپ تېرىغانلار كۆپ تولۇقلىمىغا ئېرىشىدۇ، كېۋەز تېرىمىغانلار تولۇقلىما ئالالمايدۇ. باشقا خىلدىكى يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ، كۆپەيسە كۆپىيىدۇكى ھەرگىز ئازلىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر يىلى تارقىتىلىدۇ. پاختا نىشانلىق باھا تولۇقلىمىسى بازار باھاسى بىلەن باغلانغاچقا، پاختىنىڭ بازاردىكى باھاسى نىشانلىق باھادىن تۆۋەن بولغاندا، ھۆكۈمەت ئاندىن تولۇقلىما بېرىدۇ، پاختىنىڭ بازاردىكى باھاسى نىشانلىق باھادىن قانچە تۆۋەن بولسا تولۇقلىمىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

  قىسقىسى، پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى يولغا قويۇلسا بازارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش رولى كۈچىيىپ، يۇقىرى ئۈنۈم قوغلىشىدىغان، رىقابەت ئىقتىدارى كۈچلۈك ئىشلەپچىقارغۇچىلار مەيدانغا چىقىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەشكىللىنىش، كۆلەملىشىش دەرىجىسى ئۆسىدۇ؛ دېھقانچىلىق تېخنىكىسىدا ئىلگىرىلەش بولىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشىنى تىزگىنلەشكە پايدىلىق بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر