باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە زۇڭتۇڭى: ئەنقەرەدىكى پارتلاش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

2015.10.12 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردۇئان تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، پايتەخت ئەنقەرەدىكى پارتلاش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

  ئەردۇئان مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەسى تامامەن تۈركىيەنىڭ تىنچلىقى، ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا قارىتىلغان. ئۇ يەنە: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشىدە قوش ئۆلچەم قوللانغانلار ۋە تەشكىلاتلار تېررورىزمنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىلىرى دېدى.

  تۈركىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى تۈنۈگۈن كابىنېت جىددىي بىخەتەرلىك يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: تۈركىيەدە مەملىكەت بويىچە بۇ قېتىمقى ۋەقەدە قازا قىلغۇچىلارغا ئۈچ كۈن ماتەم تۇتۇلىدۇ دېدى. ئۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىش تېرىغۇچىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ چىقىدۇ دەپ ۋەدە بەردى.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئەنقەرە ۋوگزالى ئەتراپىدا ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بەردى. پارتلاش يۈز بەرگەندە چۈشتىكى بىر يىغىلىشقا قاتناشماقچى بولغان بىر قىسىم نامايىشچىلار ۋوگزالدا پويىز ساقلاۋاتاتتى. پارتلاش ھۇجۇمىدا 86 ئادەم قازا قىلدى، 186 ئادەم يارىلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر