باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خام نېفىتنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلىش لايىھەسىنى ماقۇللىدى

2015.10.12 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 9- ئۆكتەبىر ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ خام نېفىتنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلىش لايىھەسىنى ماقۇللىدى، بىراق بۇ لايىھە كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاق ساراينىڭ قوللىشىغا ئېرىش مۇمكىنچىلىكى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىكەن. شۇ كۈنى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 262 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 159 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن خام نېفىتنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلىش لايىھەسىنى ماقۇللىدى. ئامېرىكا ئۆزىنى خام نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1975-يىلى ئېنېرگىيە سىياسىتىنى قوغداش قانۇننى ئېلان قىلىپ، خام نېفىتنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ۋە 10- ئاينىڭ باشلىرى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق كومىتېتى، بانكا،تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر ئىشلىرى كومىتېتى، خام نېفىتنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلىشقا ئالاقىدار لايىھەلەرنى ئايرىم ئايرىم ماقۇللىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر