- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شەنخەيگۇەن مەنزىرە رايونى، لىجياڭ قەدىمىي بازىرى قاتارلىق يەتتە ئورۇندىكى 5Aدەرىجىلىك ساياھەت رايونى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ياكى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلدى
2015.10.12 15:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باھا ئالدامچىلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن شەنخۈەيگۈەن مەنزىرە رايونىنىڭ 5 A دەرىجىلىك سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؛ لىجياڭ قەدىمىي بازىرى، غەربىي ساي سۇلۇق يېرى، شەرق مەرۋايىتى رادىئو تېلېۋىزىيە مۇنارى، مىڭ سۇلالىسى شېسەنلىڭ مەنزىرە رايونى قاتارلىق ئالتە 5 A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى ۋە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، باشقۇرۇش قالايمىقان بولۇش، ئىقتىدار ئۆزگەرتىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى شىلىنغۇل ئايمىقى دولۇن كۆلى مەنزىرە رايونى، چۇڭچىڭ ۋۇشى ئېقىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيەت كارىدورى مەنزىرە رايونى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭجۇ ئاسىيا كىنو شەھىرى ۋە شىنجاڭ تۇزكۆل مەنزىرە رايونى قاتارلىق تۆت ئورۇندىكى 4 A دەرىجىلىك ساياھەت رايونىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر