باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 1-شۇجىسى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى

2015.10.10 17:34         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 9-ئۆكتەبىر كەچتە پيۇڭياڭدىكى گۈلزارلىق مېھمانسارىيىدا چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 1-شۇجىسى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 9-ئۆكتەبىر كەچتە پيۇڭياڭدىكى گۈلزارلىق مېھمانسارىيىدا چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 1-شۇجىسى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى.

  ليۇ يۈنشەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 1-شۇجى كىم جوڭئۇنغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە تىلىكىنى يەتكۈزدى، يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ بەردى. شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو-چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىككى تەرەپنىڭ ئالدىنقى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆزلىرى بەرپا قىلغان ۋە كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلغان، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى بولۇپ، ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكى ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇئامىلە قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، تېخىمۇ مۇستەھكەملەش، تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيلىقى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىن چىقىپ، چاۋشيەن تەرەپ بىلەن چۈشىنىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

  كىم جوڭئۇن مۇنداق دېدى: چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتلىرىدە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يولداش ليۇ يۈنشەن باشچىلىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى چاۋشيەنگە زىيارەتكە ئەۋەتىشى چاۋشيەن-جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. بۇ چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى ۋە خەلقىگە بولغان غايەت زور ئىلھام بولدى، بىز بۇنىڭغا چوڭقۇر مىنەتدارلىق بىلدۈرىمىز، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر