باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى چېخنىڭ شەيتان داستانىنى يەنە بىر قېتىم تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشىغا قارشى تۇردى

2015.10.12 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9- ئۆكتەبىر چېخنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، چېختىكى بىر نەشرىياتىنىڭ شەيتان داستانىنى قايتىدىن تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلماقچى بولغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى. سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ چېخ شەيتان داستانىنى 1994-يىلى تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىنى ھاقارەتلەيدىغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھېسسىياتىغا زەربە بېرىدىغان بۇ كىتابنى يەنە بىر قېتىم تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى. ھىندىستانلىقنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئەنگلىيەلىك يازغۇچى سامان راشىدنىڭ شەيتان داستانى 1988-يىلى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. مۇسۇلمانلار بۇ كىتابتا ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى بولغان مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ھاقارەتلەنگەن دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن تالاش تارتىش پەيدا قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر