- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مۇتەخەسىسلەر: 13-بەش يىلىدا GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ٪6.5كە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن
2015.10.12 15:55 مەنبە: خەلق تورى
18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى بۇ ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. 2013-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولغا قويۇلدى، 2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، 2015-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان 5-ئومۇمىي يىغىندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەر تەتقىق قىلىنىدۇ.
«ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ بىر قانچە مۇتەخەسىسىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئىگىلىشىچە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، 13-بەش يىل مەزگلىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مۆلچەر نىشانىنىڭ 12-بەش يىل مەزگىلىدىكى ٪7تىن ٪6.5كە تۆۋەنلەش مۇمكىنچىلىكىنى ھازىرچە ساقىت قىلىشقا بولمايدىكەن. مۆلچەر نىشاننىڭ تۆۋەنلەش-تۆۋەنلىمەسكىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىككى «ھەسسىلەش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كەلگۈسى بەش يىلدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سۈرئىتى يەنىمۇ تېزلىتىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر