باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپان يەر شارى خارەكتىرلىك قۇرۇق مېۋە سېتىۋېلىش بازىسى بەرپا قىلماقچى

2015.10.12 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى 2015-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك تۇرپان خەلقئارا قۇرۇق مېۋە سودا يەرمەنكىسى 10-ئۆكتەبىر تۇرپان خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە باشلاندى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن تۇرپان خەلقئارا يىغىن مەركىزى مىۋە-چىۋىلەرنىڭ خۇش-پۇرىقى ۋە سودىگەرلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. دۆلەت ئىچى ۋە شاڭگاڭ-تەيۋەن رايونلىرى، چەت ئەلدىكى 17 دۆلەتدىن كەلگەن 380دىن ئارتۇق كارخانا، مىڭدىن ئارتۇق سودىگەر كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

  كۆرگەزمىدە مەركەزلىك ھالدا شىنجاڭنىڭ ئۈزۈمى، قۇرۇق ئۈزۈم، قوغۇن، ياڭاق، چىلان قاتارلىق ھۆل-قۇرۇق مېۋىلەر، قار لەيلىسى، مېھرىگىياھ، ئۈستىقۇددۇس، توشقان زەدىكى، ئالقات قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى، شۇنىڭدەك ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ قۇرۇق مېۋە، دورا ماتېرىياللىرى، چاي، زەمبۇرۇغ قاتارلىق 1200 نەچچە خىل مەھسۇلات كۆرگەزمە قىلىندى، 24تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى، ئىمزالانغان ئومومىي سوممىسى ئىككى مىليارد 605مىليون مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

  يەرمەنكە مەزگىلىدە يەنە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئۆزگىچە مېۋە-چىۋە سېتىش يەرمەنكىسى، داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات تونۇشتۇرۇپ سېتىۋېلىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش، كېلىشىم تۈزۈش، ھۆل-قۇرۇق مېۋىلەرنى ساقلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەپ ئوبوروت قىلىش، يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكا مۇنبىرى، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ۋە تۇرپان قۇرۇق مېۋە كەسىپىي تەرەققىيات پۇرسىتى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر