باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش تۈرىدىن 42 نى تۇنجى تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇردى

2015.10.10 17:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەت قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى لى جاڭزې مەركەز بېكىتكەن يەرلىك يولغا قويىدىغان مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش تۈرىنى ئېنىقلاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مەلۇم بولۇشىچە، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسەن، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىسلاھاتى ئىشخانىسى مەركەز بېكىتكەن يەرلىك يولغا قويىدىغان مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش تۈرىنى ئېنقلايدىكەن. يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا تۇنجى تۈركۈمدە 62 تۈرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى.

  لى جاڭزې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەركەز بېكىتكەن يەرلىك يولغا قويىدىغان مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش تۈرلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئېنىقلاش-گوۋۇيۈەن بۇ يىل بېكىتكەن نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

  كېيىنكى قەدەمدە مەركەز بېكىتكەن يەرلىك يولغا قويىدىغان مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش تۈرلىرى داۋاملىق ئېنىقلىنىدۇ: بىرىنچى، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەننىڭ قارارىدا بېكىتىلگەن، يەرلىك يولغا قويىدىغان مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش تۈرلىرى ئىسلاھات روھى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، دەلىللەش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ، پىشقان يېتىلگەنلىرى بىكار قىلىنىدۇ؛ ئىككىنچى، تارماقلار نىزامى، ھۆججەت قاتارلىق باشقا شەكىللەردە يەرلىكنىڭ يولغا قويۇشى بېكىتىلگەن مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش تۈرلىرى-بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەممىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئۈچىنچى، مۇۋاپىق پەيتتە

  جۇڭگو ئورگان ئىشتاتى توردا قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەن بېكىتىكە يەرلىك يولغا قويىدىغان مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش تۈرلىرى جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن يەنىمۇ پىكىر ئېلىنىپ، دەلىللەش قەدىمى تېزلىتىلىپ، بىكار قىلىشقا تېگىشلىكلىرى ئىمكان قەدەر بىكار قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر