باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئېبورا ۋاكسىنىسى تۈنجى قېتىم چەت ئەلدە كىلىنىكىلىق تەجرىبە قىلىنىش ئىجازىتىگە ئېرىشتى

2015.10.12 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر فرىتوندىن بەرگەن تېلېگراممىسى. سېررالېئون ۋاقتى 10-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان قايتا گۇرۇپپىلانغان ئېبورا ۋاكسىنىسى سېررالېئوننىڭ 2-قارارلىق كېلىنىكا تەجرىبىسىدە رەسمىي يولغا قويۇلدى، بۇ جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئېبورا ۋاكسىنىسىنىڭ تۈنجى قېتىم چەت ئەلدە كىلىنىكىلىق تەجرىبە قىلىنىش ئىجازىتىگە ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋاكسىنىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن: بىرىنچى، قاراتمىلىقى كۈچلۈك. ھازىر، دۇنيا بويىچە بىردىنبىر كىلىنىكىغا كىرگەن 2014-يىللىق گېن توساتتىن ئۆزگىرىش تىپىدىكى ۋاكسىنا ئىكەن؛ ئىككىنچى، مۇقىمچانلىقى ياخشى. دۇنيا بويىچە تۈنجى توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان پاراشوك ئوكۇل بولۇپ، 37 سېلسىيە گىرادۇس مۇھىتىدا ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق مۇقىم ساقلىغىلى بولىدىكەن، ئۇ ۋاكسىنىنى سوغۇق ساقلاش شارائىتى كاپالەتكە ئىگە بولالمايدىغان غەربىي ئافرىقا رايونلىرىدا كەڭ قوللىنىشقا ماس كېلىدىكەن؛ ئۈچىنچى، بىخەتەر. كىلىنىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ناھايىتى ياخشى بىخەتەرلىك ۋە ئىممۇنوگېنلىققا ئىگە ئىكەن.

  ھازىر، جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئېبورا ۋاكسىنىكىسىنىڭ ئافرىقىدىكى تۈنجى كىلىنىكىلىق تەجرىبىسىدە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى تاماملاندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر