باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم ئانجۇ شەھىرىدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قوشۇنى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا قەبرە سۈپۈرگىلى باردى

2015.10.12 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر پيوڭياڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 10-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن تەكلىپكە بىنائەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 1-شۇجىسى كىم جوڭئۇن قاتارلىق چاۋشيەننىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، شۇنداقلا پيوڭياڭدىكى ھەر قايسى ساھەدىن كەلگەن 100 مىڭ ئامما بىلەن بىرلىكتە ھەربىي پارات ۋە ئاممىۋى نامايىشنى كۆردى. شۇ كۈنى كەچتە، كىم ئېرسىن مەيدانىدا ياش ئاۋانگارتلار مەشئەل نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى، كىم جوڭئۇن ۋە ليۇ يۈنشەن بۇ پائالىيەتكىمۇ تەڭ قاتناشتى.

  11-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ليۇ يۈنشەن مەخسۇس ئانجۇ شەھىرىدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قوشۇنى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا قەبرە سۈپۈرگىلى بېرىپ، جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قوشۇنى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى ھەم تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ شانلىق نام تېمىغا ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارىدى ھەم ياساپ يېپيېڭى قىلىۋېتىلگەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرە رايونى، خاتىرە تېشى، خاتىرە مەيدانى قاتارلىق ئەسلىھەرلەرنى تەپسىلىي كۆزەتتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر