- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەستىقلىدى
2015.10.08 15:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يېقىندا، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەستىقلىدى. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ھەربىيلەر سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئارمىيە ئارقا سەپ سىياسىتى تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، كوماندېر-جەڭچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، بۇ ھەربىيلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ھەربىيلەرنىڭ ئەندىشىلىرىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق، ھەربىي كەسىپنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە ھەربىيلەرنىڭ بۇرچ تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر