باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ يىل ئاخىرىدا دېلو قوبۇل قىلماسلىقنى قەتئىي توسىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2015.10.12 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا «قانۇن ئىجرا قىلىش ، دېلو بېجىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) چىقىرىپ، يىل ئاخىرىدا دېلو قوبۇل قىلماسلىق، ئەرزنى قايتۇرۇۋېلىشقا زورلاش، دېلونى يالغاندىن ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئاددىي، تېز سوت قىلىش تەرتىپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سوت قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن دېلو قوبۇل قىلماسلىقتەك ئەھۋاللارنى قەتئىي توسۇش كېرەك

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىل ئاخىرىدا دېلو قوبۇل قىلماسلىق، ئەرزنى قايتۇرۇۋېلىشقا زورلاش، دېلونى يالغاندىن ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ئۇچۇر-تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، توردا دېلو بېجىرىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، دېلونى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇش سۈرۈكىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېز بىر تەرەپ قىلىش، دېلو بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدار ۋە زور سانلىق مەلۇماتلىق ئانالىز قىلىشتىن پايدىلىنىپ، 1-سەپتىكى سودىيەلەرنىڭ دېلو بېجىرىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت يۈكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېنىكلىتىش كېرەك.مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، سوت سىستېمىسىنىڭ ئىلگىرىكى دېلونى سوت قىلىش ئۈنۈمىنى باھالاش سىستېمىسىدا، دېلو بېجىرىش ئۈنۈمى مۇھىم بىر تۈرلۈك باھالاش كۆرسەتكۈچى بولۇپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ رەتكە تىزىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا بۇنىڭ تەسىرى بىلەن نۇرغۇن سوت مەھكىمىلىرى يىل ئاخىرىدا دېلو قوبۇل قىلمايدىكەن ياكى دېلو قوبۇل قىلىشقا چەك قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر