- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تېررورلۇق قارا بۇلۇتلىرى تۈركىيەنى قاپلىدى
2015.10.12 15:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇيەر ۋاقتى 10-ئۆكتەبىر، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى پويىز ئىستانسىسىغا يېقىن جايدا ئىككى قېتىم ئارقا-ئارقىدىن پارتلاش يۈز بەردى. پارتلاش يۈز بەرگەندە، ھۆكۈمەت ۋە كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىگە كەسكىنلىشىپ كەتكەن قوراللىق ئۇرۇشنى توختىشنى مۇراجىئەت قىلىش ئۈچۈن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ۋە خەلق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى « تىنچلىق يىغىلىشى »غا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدى. لېكىن « تىنچلىق يىغىلىشى» نىڭ تېررورلۇق مەيدانىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغانىدى.
ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە ، پارتلاشتا 95 ئادەم ئۆلگەن. 245 ئادەم يارىلانغان ، بۇنىڭ ئىچىدە 48 ئادەم ئېغىر يارىلانغان . بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئوبزورىدا : بۇ تۈركىيە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر تېررورلۇق پارتلىتىش ۋەقەسى، دەپ يېزىلغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر