باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بوخەي ئايلانما رايونىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش پىروگراممىسى چىقىرىلدى

2015.10.13 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا «بوخەي دېڭىزى ئايلانما رايونىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش پىروگراممىسى»نى تەستىقلىدى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا بۇنى رەسمىي چىقاردى. بوخەي ئايلانما رايونى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، شەندۇڭ، لياۋنىڭ، سەنشى، ئىچكى موڭغۇلدىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مېخانىزمى بولغان بۇ پىروگراممىنىڭ دائىرىسى-بېيجىڭ، تيەنجىن شەھەرلىرى، خېبېي، شەندۇڭ، لياۋنىڭ، سەنشى ئۆلكىلىرى ھەم ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى بىر مىليون 860 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنىڭ %19.4 نى، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى دائىملىق نوپۇسى 314 مىليون بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ %23 نى، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 18 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %27 نى ئىگىلەيدۇ. بۇ رايون ئېلىمىزنىڭ شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمالدىكى ئۈچ چوڭ رايونىنىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر تۆت چوڭ رايوندىن ھالقىغان بۆلەك ھەم دېڭىزغا ھەم چېگرىغا تۇتاشقان ئىقتىسادىي رايون شۇنداقلا ئەڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىك ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىقتىسادىي تېز ئېشىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى، سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەم زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، بوخەي ئايلانما رايونىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىش-بىر بەلباغ، بىر يول، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەم رايون تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر