باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز يەنە 70 مىليون نامرات نوپۇس بار بولۇپ، ئالتە يىل ئىچىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ

2015.10.13 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 12-ئۆكتەبىر نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ھەم بۇ يىللىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خوڭ تيەنيۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2014-يىللىق ئىستاتىستىكا قىلىپ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، جۇڭگودا يەنە ھازىرقى ئۆلچەمدىن تۆۋەن سەۋىيەدىكى 70 مىليون 170 مىڭ نامرات نوپۇس بار ئىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئالتە يىل ئىچىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن. خوڭ تيەنيۈن مۇنداق دېدى: دۆلەت 2020-يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشقا كۈچلۈك ئىرادە باغلىدى، نامراتلىق تېخىمۇ ئاجىز نۇقتا شۇنداقلا چوقۇم، ياخشى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىش.

  خوڭ تيەنيۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى شۇنچە كۆپ يىللىق ئاساسلىق تەجرىبىسى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدىن كەلگەن. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەم مول ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بىر يۈرۈش ئالاقىدار سىياسەتلەرنى چىقاردى ھەم چىقارماقچى. ھازىر ئاساسلىقى مۇنداق بىر نەچچە جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك: 1-ئارخىپ تۇرغۇزۇپ ۋە كارتا بېجىرىپ، بۇ 70 مىليون نامرات نوپۇسنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى، قانداق سەۋەبتىن نامراتلىشىپ كەتكەنلىكى، نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، قانداق ياردەم بېرىش لازىملىقىنى ئېنىقلاش لازىم. دۆلەت قاتلىمىدىكى نامراتلارنى يۆلەش چوڭ سانلىق مەلۇماتى ھازىر جىددىي مۇكەممەللەشتۈرۈلمەكتە.

  2-يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە نامرات دېھقان ئائىلىلىرىنى چۆرىدىگەن كۈچلۈك خىزمەت سىستېمىسى ئورنىتىش كېرەك. نامرات كەنتلەرگە ئەۋەتىلگەن 128 مىڭ خىزمەت ئەترىتى ۋە تاللاپ ئەۋەتىلگەن 1-شۇجىلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى، خىزمەت تەلىپىنى تەشۋىق قىلىشى شۇنداقلا ياخشى پىلانلاپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات كەنتلەر ۋە نامرات دېھقان ئائىلىلىرىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشى لازىم.

  3-پۇقرالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ھەم مۇھىت شارائىتى قاتارلىق تۈپ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك.

  4-دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، تەشكىلىي سەپەرۋەرلىك مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۇقرالارنى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ، ئىشلەپچىقىرىش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا يېتەكلەش لازىم.

  5-تاراتقۇلارنىڭ تەشۋىقاتى ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتتە بىر ئومۇمىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، 70 مىليون نامرات نوپۇسقا ھەقىقىي، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەسسە قوشۇش كېرەك.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر