باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر قايسى مىنىستىرلىق كومىتېتلارنىڭ ئىسپات چىقىرىپ بېرىش يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى تەكشۈرۈلىدۇ

2015.10.13 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 7-ئايدىن بۇيان خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن مىنىستىرلىق كومىتېتلار كەينى كەينىدىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى قالايمىقان ئىسپات چىقىرىپ بېرىش ھادىسىلىرىنى مەخسۇس رەتكە سالدى. قىسمەنلىرىگە قايتا ئىسپات بەرمەسلىك ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى. تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، قىسمەن جايلاردا كۆپلىگەن ئاپپاراتلارنىڭ ئىسپاتلىق ماتېرىياللارغا بولغان ئېھتىياجى ئازايمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھېسابات تالونى كېسىپ بېرىش مەنئى قىلىنغان ئىسپاتلار يەنىلا بېرىلمىگەن. كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئىسپات كۆپ بولغانسېرى ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش يۈكى كۆپىيىدۇ، قالايمىقان ئىسپات بېرىش مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىش لازىم. يېڭى بەلگىلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، چىقىش ئېغىزىنى توسۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئىسپات تەلەپلىرىنى بوشىتىش لازىم. ئاممىنى بىر تەرەپتىن ئىسپاتقا قىستاپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسپات چىقىرىپ بەرمەسلىك ئارسالچىلىقىدا قويماسلىق كېرەك. قىسمەن ئاساسىي قاتلامدىكى ساقچىخانىلار ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسپات چىقىرىپ بېرىش مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش، خېيىم خەتەرنى بىر بىرىگە ئىتتىرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەر قايسى تارماقلار ئارىسىدا ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. قىسمەن تارماقلار، ئورۇنلار ئۆز كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئاممىنى قىيىنچىلىقتا قويىدىغان ئالاقىدار ئىسپاتلارنى تەلەپ قىلىش قىلمىشىلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. جىلىن ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى فۇ چېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇچۇرلاشتۇرۇش ھازىرقى زامان جەمئىيەت باشقۇرۇشنى قۇلايلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى فۇنكسىيىلىك تارماقلىرى ئارىسىدىكى ئۇچۇر توسىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۇچۇردىن ھەمبەھىرلىنىش سەھنىسى قۇرۇپ، ئىسپات بېرىشتىكى تۈرلەر ۋە ھالقىلارنى ئازايتىش كېرەك. بېيجىڭ شەھىرى داچىڭ ئادۋۇكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى يۈ دەندەن مۇنداق دەپ قارىدى: ئىسپاتنى ئاددىيلاشتۇرۇشتا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سەمىمىيەتسىز قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەممە كىشىنى ساختىلىق قىلماسلىققا ئۈندەشكە؛ شەخسلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا مەسئۇل بولۇشقا قارىتا ئالاقىدار تارماقلار ، ئورۇنلارنىڭ ئىش بېجىرىش داۋامىدىكى خەتەرنى تۈگىتىپ، ئىسپاتنىڭ زۆرۈرىيەتسىز تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر