باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز داۋالاش ئىسلاھاتىدا دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

2015.10.16 08:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈن دائىمىي يىغىنىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ يىل دۆلەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان بارلىق شەھەرلەر ۋە ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۆلكىلەر دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشنى يولغا قويىدىكەن. يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2015 - يىللىق ئۇنىۋېرسال تېبابەت يىغىنى ۋە جۇڭخۇا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ئۇنىۋېرسال تېبابەت تارماق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 13 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 13 ئاكادېمىكى ئۇنىۋېرسال تېبابەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەشنى، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلدى.

  ۋاڭ جېڭگو، ۋاڭ چېن، جۇڭ نەنشەن قاتارلىق 13 ئاكادېمىكنىڭ تەشەببۇسنامىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ياخشى داۋالاش مۇلازىمىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىش تەقسىماتى مۇۋاپىق ئايرىلغان، بايلىق مۇۋاپىق تەقسىملەنگەن داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى بولۇشى كېرەك. بۇ سىستېمىنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جىددىي كېسەللەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ئادەتتىكى كېسەللەرنى داۋالاش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، «ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى» بولۇش مۇھىم مەجبۇرىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، دۆلىتىمىزدە ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتى نىسبەتەن ئاستا، تېخنىكا كۈچى ئاجىز، بولۇپمۇ لاياقەتلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار بەك كەمچىل بولۇپ كەلدى. شۇڭا قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىۋېرسال تېبابەتنى قوللاش؛ ئۇنىۋېرسال تېبابەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش؛ ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار بىلەن كەسپىي دوختۇرلار ئارىسىدا ئىش تەقسىماتى ھەمكارلىق مېخانىزمى تۇرغۇزۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلىمىز.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېن فېڭفۇ يىغىندا مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى جۇڭگو ھازىر بەرپا قىلىۋاتقان دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش ئەندىزىسىنىڭ ئاساسى، ۋاھالەنكى، يۇقىرى ساپالىق ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ بولۇش - بولماسلىقى بۇ ئەندىزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ئاچقۇچى. ئۇنىۋېرسال تېبابەتنى مۇستەقىل كەسىپ، دەپ قاراپ، ئۇن−ىۋېرسال تېبابەت ئارقىلىق ئاساسىي داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتىنى قوللاش كېرەك.

  دۆلەت سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى بىن مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار تۈزۈمى قۇرۇلۇشى −− داۋالاش ئىسلاھاتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ھالقا. ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىدا «ئادەم» ئامىلى مۇھىم ھالقا، مۇنتىزىم تېببىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن ۋە ئۇنىۋېرسال تېبابەت بويىچە تەربىيەلەنگەن يۇقىرى ساپالىق ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار قوشۇنىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەش مۇھىم ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىز 2020 - يىلىغىچە ھەممە ئائىلىنىڭ لاياقەتلىك ئائىلە دوختۇرى بولۇش، ھەممە كىشىنىڭ جانلىق باشقۇرۇلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان ساغلاملىق كارتىسى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر