سۈرەتتە: 13-ئۆكتەبىر، شياۋچۈەن(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ ئۆز ئاتا - ئانىسى سىچۈەن لياڭشەندىن شېنجېنغا يېتىپ كىلىپ، يۈتتۈرۈپ قويغىنىغا 20 يىل بولغان شياۋچۈەن بىلەن كۆرۈشۈپ خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈشمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 يىلدىن بۇيان، شياۋچۈەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى ، 24 ياش ) تۆت ياشقا كىرگەن شۇ يىلى چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن يىنىپ ئۆيگە قايتىش يولىدا بىر ئەرنىڭ ئۆزىگە كەمپۈت بېرىپ ئالداپ سىچۈەندىن گۇاڭدۇڭ جيېياڭغا ئالداپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. بۇ 20 يىلنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنى ئىزدەش بىلەن ئۆتكۈزگەن . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاتىسى سۈن جېڭخۇا ھەر يىلى 8 − 9 ئايغىچە چىقىپ كېتىپ، يىراق ئىچكى موڭغۇل، خېيلوڭجياڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ ، بىر تەرەپتىن ئوغلىنى ئىزدىگەن.
DNA ئۇچۇرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ، 20 يىل ئايرىلغان بۇ ئاتا - بالا تۈنۈگۈن شېنجېندا جەم بولدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى