باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى 26 - ئۆكتەبىر ئېچىلىدۇ

ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ھۆججەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى    «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى كۆرۈش نىزامى» قاراپ چىقىلدى

2015.10.13 15:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12 - ئۆكتەبىر يىغىن ئېچىپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتتى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى كۆرۈش نىزامى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىنى 26 - ئۆكتەبىردىن 29 - ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ» لايىھەسىگە پارتىيە ئىچى - سىرتىدىكى بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىرلەرگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن تەكلىپ لايىھەسىنى ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ قېتىم پىكىر ئېلىش جەريانىدا، رايونلار، ئورۇنلار، ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەكلىپ لايىھەسىگە نۇرغۇن ياخشى تەكلىپ - پىكىر بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ چىقىپ، ماددىمۇ ماددا مۇھاكىمە قىلىپ، ئىمكانقەدەر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھۆججەتلەرنى ياخشى تۈزۈپ، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا ۋاقتىدا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «12 - بەش يىل» مەزگىلى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى قالتىس بولغان بەش يىل بولدى. مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىلەر ئالدىدا، پارتىيەمىز مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، يول ئىچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «12 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان نىشانىغا غەلىبىلىك يېتىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچى يەنە بىر چوڭ پەللىگە چىقتى.يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: خەلق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسلىق كۈچ، ئادەمنى ئاساس قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، خەلق دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغداپ، خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈم، مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئۈنۈملۈك كاپالەت بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ تۈپ تەدبىرى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا پاك بولۇشى توغرىسىدىكى بىر قانچە ئۆلچىمى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى كۆرۈش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىدە پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ ئۆلچەم قىلىشتا، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە، ئىنتىزام قانۇندىن قاتتىق بولۇش، ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئالدىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ئىنتىزام ۋە ئەخلاق تەلىپىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام قۇرۇلۇشىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا، ئالدى بىلەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىش كېرەك. يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «مىزان»ۋە «نىزام» پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى. «مىزان»دا پاك - تەلەپچان بولۇش باش تېمىسى زىچ چۆرىدىلىپ، پارتىيەنىڭ غايە، ئېتىقادى، باش مەقسىتى، ئېسىل ئەنئەنىسى، ئىستىلى تەكىتلىنىپ، ئىجابىي تەشەببۇستا، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا كۆرگىلى، ھېس قىلغىلى بولىدىغان يۇقىرى ئۆلچەم بېكىتىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ يۈكسەك ئەخلاق - پەزىلىتى نامايان قىلىندى. «نىزام»دا پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ ئىنتىزام توغرىسىدىكى تەلىپى سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا بىرىكتۈرۈلۈپ، پاسسىپ تىزىملىك تۇرغۇزۇلۇپ، قائىدە - نىزام تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى يېقىنلىشىشقا بولمايدىغان تۆۋەن چەك سىزىپ چىقىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەمىز ئىنقىلابىي غايىگە ۋە پولاتتەك ئىنتىزامغا ئىگە ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە، تەشكىلى مۇستەھكەم، ئىنتىزامى قاتتىق بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى. پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىشتا سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىلەرگە قاتتىق بويسۇنۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. قايسى جەھەتتىكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشتىن قەتئىينەزەر، بۇ ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىلسە، ئاخىرىدا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى چىرىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ ۋە ئۇنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى «مىزان» ۋە «نىزام»بويىچە ئىشلەپ، تەشۋىقات - تەربىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىتىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قائىدىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ كەسكىنلىكى، نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، زىممىسىگە ئېلىشقا، ئەستايىدىل بولۇشقا، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزاملارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئىنتىزام ئىجراسى بويىچە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، «مىزان» ۋە «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى خالىمايدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىش ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر