باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «مەركەز بېكىتكەن جايلار يولغا قويىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 62 تۈرلۈك تەستىقلاش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»نى تارقاتتى

2015.10.15 13:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئمزا قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن يېقىندا « مەركەز بېكىتكەن جايلار يولغا قويىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 62 تۈرلۈك تەستىقلاش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى » (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، مەركەز بېكىتكەن جايلار يولغا قويىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 62 تۈرلۈك تەستىقلاش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ قانۇن-نىزام ۋە گوۋۇيۈەننىڭ قارارى بويىچە بېكىتىلىپ ، تەتقىق قىلىپ دەلىللەش تېزلىتىلىپ، تەييار بولغانلىرى ئۇدۇللۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن. تارماقلارنىڭ بەلگىلىمىسى، قېلىپلاشقان ھۆججەت ئاساسىدا بېكىتىلگەن بولسا، پىرىنسىپ بويىچە 2015-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن، ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى قانۇن، مەمۇرىي قانۇن ياكى يەرلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق مەمۇرىي ئىجازىتىنى بېكىتسە بولىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمىنى ئىككى يىلدىن كۆپرەك ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق گوۋۇيۈەن تارماقلىرىدىن 1/3دىن كۆپرەكى تەستىق ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ياكى تۆۋەنگە چۈشۈردى. ئىسلاھاتنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تارماقلار، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر يۈرگۈزۈۋاتقان تەستىقلاش ئىشلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى مەركەزنىڭ بېكىتكەنلىكى، جايلارنىڭ تەڭشەش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئىنكاس قىلدى.جايلارنىڭ ئىسلاھات بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن مەركەز جايلارغا بېكىتىپ بەرگەن مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى رەتكە سېلىشنى قارار قىلدى.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر