باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى

كارخانىچىلار ئەقىل - پاراسەتكە ۋە ئىجادچانلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك

2015.10.16 08:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر كارخانىچىلارغا كۆيۈنۈپ، كارخانىچىلار بىلەن دوست بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، بولۇپمۇ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىچىلار بىلەن دوست بولۇشى؛ ئۇلارغا سىياسىي جەھەتتە ئىشىنىپ، ئۇلارنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. ئەگەر دۆلەت كارخانىلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ <ئوغلى>دېسەك، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى كارخانىلار ھۆكۈمەتنىڭ <قىزى>، <كۈيئوغلى>»ھېسابلىنىدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 13 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقاندا، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بەش چوڭ بۆسۈش ئېغىزىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ئورىگىنالغا قارىماي 56 مىنۇت سۆز قىلدى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىچىلار ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن يېڭى ئۈمىدلەرنى كۈتتى ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «شىنجاڭدىكى يەرلىك مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار، شۇنداقلا شىنجاڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ، كەسپىنى راۋاجلاندۇرغان كارخانىچىلار سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوللاش كېرەك». جاڭ چۈنشيەن ئارقىدىنلا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت كارخانىچىلار بىلەن باردى - كەلدى قىلغاندا ئۇلارغا ھەرگىز ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەك. ئەلۋەتتە، كارخانىچىلار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن دائىم باردى - كەلدى قىلىشى كېرەك، كارخانىچىلارمۇ ئۇلارغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەسلىكى كېرەك. ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، كەسىپلەرنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىدىغان كۈچكە ئايلىنىشى كېرەك». جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ قىزىقارلىق سۆزى ھەممەيلەننىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدىكى ئالاقىدار زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جاڭ چۈنشيەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. يىغىن ئېچىلىشتىن ئاۋۋال ئۇزاق ۋاقىت تەييارلىق قىلىنىپ، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرى» تۈزۈپ چىقىلغان. جاڭ چۈنشيەن يەنە بۇ قېتىمقى يىغىنغا پۇقراۋى كارخانىچىلارنى كۆپرەك قاتناشتۇرۇشنى ئالاھىدە تاپىلىغان.

  بۇ ئاپتونوم رايونىمىز تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتلىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ھېسابلىنىدۇ.

   «پۇرسەت» ۋە «ئەقىل - پاراسەت»

  ھازىر دۆلەت ئىقتىسادى بەلگىلىك تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۈچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ بۇ بېسىم ئاستىدا قانداق ئەسلىگە كېلىشىدە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى.

  يېڭى تارىخىي پەللىدە، جاڭ چۈنشيەننىڭ كارخانىچىلار مەسئۇللىرىدىن كۈتىدىغان ئالاھىدە تەلىپى كارخانىچىلارنىڭ «بەشنى تونۇش» تا باشلامچىلىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى قەدىرلەپ، تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش بولدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكىدە بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور بولدى، بۇ تېگى - تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى. بىز ئۆزىمىزدىن سوراپ باقساق بولىدۇ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا نۇرغۇن تەستىق سالدى، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.جاڭ چۈنشيەن نەق مەيداندىكى 200دىن كۆپرەك كارخانىچىغا: مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ماھىر بولۇشۇڭلار كېرەك! دەپ تاپىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ئالدى بىلەن مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. بۇ ئىككى يىللىق ئەمەلىيەت جەريانىدا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە زور تەسىر پەيدا قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ ناھايىتى ياخشى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى كارخانىلار شىنجاڭنىڭ پايدىلىق شارائىتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا يۈزلەندۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىكى ئالدىن ئەۋەتىلگەن قوشۇنلۇق، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.«يېڭى نورمال ھالەت» ۋە «يېڭى سىياسەت»

  ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ كۆرۈلۈشى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى چوقۇم تەڭشەش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. جاڭ چۈنشيەن پۇقراۋى كارخانىچىلارغا: يېڭى نورمال ھالەتنى ھەقىقىي چۈشىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا روھىي جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ، كارخانىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈشۈڭلار كېرەك، دېدى.

  جاڭ چۈنشيەن: ئاپتونوم رايون كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە تىرىشىشنى خالايدۇ، لېكىن، سىلەر ئىلغار ئاڭغا ئىگە بولۇشۇڭلار كېرەك، دېدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەن كۆپچىلىكنىڭ كارخانىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ كارخانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى تەجرىبىلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، قانداق ساۋاقلارغا ئىگە بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەكلىپ قىلىمەن. كېيىنكى بەش يىللىق يىرىك پىلان ياخشى تۈزۈلسىلا، «100 يىللىق كارخانا»بولۇش نىشانىغا يېقىنلاشقىلى بولىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئىلگىرى گېرمانىيەگە بارغاندىكى كەچۈرمىشىنى ئېسىگە ئېلىپ: مەن ئۇ يەردە بىر نەچچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىنى كۆزدىن كەچۈردۈم، سىرتتا ناھايىتى نامى بولسىمۇ، ئەمما كۆلىمى چوڭ ئەمەسكەن، ئۇلار نەچچە ئون يىلغىچە بىرلا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتنى تېخىمۇ مۇكەممەل، سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىشنى قوغلىشىدىكەن، دېدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شۇڭا، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلىرىمىز «ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەپ، كەسىپلىشىش، ئالاھىدە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش»قا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، چوڭ كارخانىلار سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى كېرەك. ھازىر يەنە ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام، يۇقىرى ئۆلچەم ۋە يۇقىرى ئۈنۈمنى نامايان قىلىشى كېرەك.

   جاڭ چۈنشيەن پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى تېز چۈشىنىشىگە ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن كارخانىچىلارغا مۇنداق تەكلىپ بەردى: سىلەر سەل ئالدىراش بولغاچقا، كۈندە سىرتتا قاتراپ يۈرۈشىڭلار مۇمكىن، لېكىن، ئاپتونوم رايون تارقاتقان ھۆججەتلەرنىمۇ كۆرۈشىڭلار كېرەك، بۇلار كۆپچىلىك ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن مەركەزنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ بەلگىلەنگەن سىياسەتلەر.

  بۇنىڭدىن باشقا، جاڭ چۈنشيەن ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىجاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۈگۈن بۇ يەردە ئولتۇرغان كارخانىچىلار شىنجاڭغا بولغان مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باردى - كەلدى قىلىش، ئالاقىلىشىش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: كارخانىلار خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا كۆپرەك شۇ يەردىكى ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. بەلكىم دەسلەپتە قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچى تەربىيەلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىش ئۈنۈمى تۆۋەنرەك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن ھازىر يېتىشەلمىگىنى بىلەن كەلگۈسىدە ئۇلار ئەڭ سادىق خىزمەتچىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ھۆكۈمەتمۇ خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مەدەت بېرىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: كارخانىچىلار قوشۇننى ياخشى يېتەكلىشى كېرەك. قانداق قىلغاندا ياخشى يېتەكلىگىلى بولىدۇ؟ دېگەندە، كارخانىدا پارتىيە تەشكىلاتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەسىس قىلىپ، ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەشكە ياردەملىشىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى ھەمىشە يۇقىرى بولىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئىتتىپاق، ئىناق ھەقىقىي ئەھۋالىنى سىرتتىكىلەرگە بىلدۈرۈش ۋە نامايان قىلىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ياخشىلانسا، كۆپچىلىكنىڭ ئەھۋالىمۇ ياخشىلىنىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن يەنە: تەستە قولغا كەلگەن بۇ ۋەزىيەتنى ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى بولۇشىمىز كېرەك، دېدى.

  ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ھەرىكىتى

  ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى قانداق قىلغاندا ساغلام تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ جاڭ چۈنشيەن مۇنداق قارىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى جەزمەن «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن مۇناسىپ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تېپىپ چىقىشى ھەم ئۇنى كېيىنكى بەش يىللىق يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىسىدە، پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يېتەكچىلىك رولىنى جەزمەن ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەش ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن ئويلايدىغان مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە بازار ئېچىشتۇر. شۇڭا، ھۆكۈمەت ئۇلارنى قوللىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

  مەسىلەن: گىلەم، يېمەكلىك، كىيىم - كېچەك قاتارلىقلارنى ئەتراپتىكى بەزى دۆلەتلەرمۇ ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۇلار بىلەن قانداق رىقابەتلىشىشى كېرەك؟ بۇنىڭدا ھۆكۈمەت يۇقىرى قاتلامدىكى ئىختىساسلىقلارنى كارخانىلارغا كېلىشكە جەلب قىلىپ، كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرسە بولىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز چوقۇم قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، بۇ جەھەتتىكى سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، كۆپچىلىككە ھەقىقىي ئۈنۈمنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  «ھۈجەيرە» بىلەن «ئاساسىي غول»نىڭ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى

  جاڭ چۈنشيەن 2010 - يىلى شىنجاڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندىن باشلاپ، كارخانىچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كارخانىچىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئىگىلىدى ھەم ئۇلارنى قوللىدى، بۇ جاڭ چۈنشيەن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  شۇ يىلى ئاپتونوم رايون مەخسۇس ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» نى ئېلان قىلدى.

  ئارقىدىنلا، ئاپتونوم رايون «ئەل ئارا سېلىنمىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدىن شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى كارخانىلاردىن، بولۇپمۇ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئەگەر كارخانىنى بەدەندىكى <ھۈجەيرە> دېسەك، ئۇ چاغدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى <ئاساسىي غول> ھېسابلىنىدۇ، ئاساسىي غول كارخانىلارنى ئالغا يېتەكلەيدۇ.پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق قوللايدۇ؟ جاڭ چۈنشيەن بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالدى بىلەن بۇ كارخانىلارنى قوغدىشى كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن ئادىل رىقابەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. شىنجاڭدا پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇھىتى، ئادىل، ھەققانىي قانۇنچىلىق مۇھىتى، قېلىپلاشقان، ئىشەنچىلىك بازار مۇھىتى، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، شىنجاڭنى «تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرى ئەڭ ئاز، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى، مۇلازىمىتى ئەڭ ئەلا» ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرى قىلىپ چىقىش كېرەك، دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدىم.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئورگان كادىرلىرىنىڭ يەۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش، يېپىشىۋېلىشىغا ئائىت تىپىك دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قارشى تەرەپنى چۆچۈتۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر