باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى−−تەرەققىيات

2015.10.16 08:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە، يېڭى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بىلەن يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىشسىزلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كېتىش، تەمىنلەش تەلەپتىن ئېشىپ كېتىش زىددىيىتى گەۋدىلىك بولۇش، ئون نەچچە، ھەتتا يۈز نەچچە ئادەم بىر ئورۇننى تالىشىپ رىقابەتلىشىشتەك ئەھۋاللار دائىم ئۇچراپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى بولۇپ قالدى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش −− خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۈپ ئاساسى، دۆلەتنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ تۈپ تەدبىرى. ئۇ شەخسنىڭ كەلگۈسى، تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى، جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. ناۋادا ئۆزىمىزنىڭ ياكى يېقىن ئادىمىمىزنىڭ خىزمىتى بولمىسا، ھەر كۈنى قورساق باققۇدەك پۇل تېپىشنىڭ كويىدا يۈرسەك، تۇرمۇشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولمىسا، قانچىلىك غەمدە قالارمىز؟

  ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلغاندىلا، كىشىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان كىيىم - كېچەك، ئوزۇق - تۈلۈك، تۇرالغۇ، داۋالىنىش، ئوقۇش قاتارلىق بىر قاتار تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى، خەلقنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى، كىشىلىك قەدىر - قىممەتنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلارغا ھاياتنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ. يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ۋە ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ «ئىككى يىغىن» ىدا بېرىلگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىدىن بۇنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر. تەرەققىياتلا بولىدىكەن، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ياراتقىلى، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى تەسىس قىلغىلى بولىدۇ؛ تەرەققىياتلا بولىدىكەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ شەخسنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى ھەرقانچە كۈچلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەر خىل ئېھتىياج ئاشقاندىلا ئاندىن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  تەرەققىيات −− پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئاچقۇچى، باش مەنبەسى. ئۇنداقتا قانداق تەرەققىي قىلىش كېرەك؟ ئەنئەنىۋى تەپەككۇر بويىچە، ئەنئەنىۋى ساھەلەردە ئىشلارنى ئۆز يولىدا قىلىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي رامكا، ئەندىزە ئىچىدە ماڭساق، چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلماق ناھايىتى تەس. «ھەممە كىشى ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە كىشى يېڭىلىق يارىتىش» تەپەككۇرى بويىچە، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتلەردە تىرىشىپ، كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ، گۈللەنمە ساھەلەردە سودا پۇرسىتىنى بايقاپ، گۈللەنمە كەسىپلەردە پۇل تېپىشنى ئۆگىنىپ، تەرەققىيات تەپەككۇرى، تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش −− شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يولى.

  شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار بولۇپ، دۆلەت زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلغان ئىنتېرنېت ( ئالاقە تورى)تىن ئىبارەت خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ۋە ئىنتېرنېت سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىنتېرنېت بىلەن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى چوڭقۇر بىرىكتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يېپيېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى ياراتتى. ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ئاپتونوم رايونىمىزدا خېلى زور بوشلۇق بار. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ئېلىپ كەلگەن بىر قاتار پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى بوشلۇقنى چىڭ تۇتۇش، زور كۈچ بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتقان بىلەن باراۋەر.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى خەلق تۇرمۇشىغا، يىراق كەلگۈسىگە، شەخسكە ۋە دۆلەتنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، يېڭى ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقىنى تېپىپ چىقىپ، ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ تەقسىملىنىش جەريانىدىكى جۇغلانما رولىنى تىرىشىپ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك، ۋاقىت بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر